داچىدا تۇرۇپ ئايدا 10 مىڭ يۈەن مائاش ئالىدىغان بىۋاستە تارقاتقۇچىلار

تەۋە تۈر : خەۋەر > ئۇنۋىرسال >       مەنبە : نۇر تورى      يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2018-03-28 18:08:11

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، :

تور ئالاقىسىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن كىشىلەر يانفوندا بىۋاستە تارقىتىش كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن بىۋاسىتە تارقىتىش ناھايىتى بازارلىق مودا كەسىپكە ئايلىنىپ قالدى، ھەتتا كەسىپلەشكەن ھەرىكەت ئەندىزىسى شەكىللەندى.

ئۇلارنىڭ ھەممىسى ياش ھەم چىرايلىق قىزلار، نەچچىسى بىر داچىدا تۇرىدۇ، ئايلىق ئىش ھەققى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ.

قىزلارنىڭ ھەممىسى شىركەت بىلەن توختام تۈزۈشكەن، ياتاق ئۆيى ئۇلارنىڭ بىۋاستە تارقىتىش قىلىدىغان خىزمەت ئورنى، ئۇلار ھەر كۈنى بەلگىلىمە بويىچە بېكىتىلگەن سۇپىدا ئىككى سائەتتىن ئالتە سائەتكىچە بىۋاستە تارقىتىش قىلىدۇ.

ھەممەيلەننىڭ ئايرىم ياتاق ئۆيلىرى بار، ئۇلارغا مەخسۇس تېلېفون ۋە كومپيۇتېر سەپلەپ بېرىلگەن، ئۇلارنىڭ خىزمىتى ئامال قىلىپ مەستانىلىرىنى ساقلاپ قېلىش. يېڭى بۇ كەسىپكە قەدەم قويغانلارغا نىسبەتەن بىر ئاي ئىچىدە 10 مىڭدىن ئارتۇق مەستانىگە ئىگە بولمىسا شاللىنىپ قالىدۇ.

سىرتتا ئېلېكتىرونلۇق سودا پائالىيەتلىرىگە قاتناشقاندا، داچا ئىچىدىكى قىزلارنىڭ بىۋاستە تارقىتىش (بىر سائەتتىن ئىككى سائەتكىچە) ھەققى سائىتىگە 10 مىڭ يۈەندىن ھېسابلىنىدۇ، مەخسۇس ماشىنا ئۇلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ. 

ئۇلار ئادەتتە كەچلىكى خىزمەت قىلىدۇ، ئادەتتە كەچ سائەت 9 دىن ئاشقان ۋاقىت دەل بىۋاستە تارقىتىشنىڭ يۇقىرى پەللىسى، مەخسۇس گىرىمچىك ئۇلارغا ئالدىنئالا گىرىم قىلىدۇ، ياردەمچى كىيىم ۋە ئاياغلارنى تەييارلايدۇ.

قىزلار خىزمەتكە چۈشكەندە «بىۋاستە تارقىتىش زاۋۇتى» خىزمەتچىلىرى ئىشخانىدا بىۋاستە تارقىتىش مەزمۇنىنى كۆرۈپ تەرتىپنى ساقلاشقا مەسئۇل بولىدۇ.

بۇ يەردە مەخسۇس ئاشپەز ئۇلار ئۈچۈن تاماق تەييارلايدۇ، لېكىن مەستانىلەرنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن ئۇلار بەك مايلىق نەرسىلەرنى يېيىشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ.

ئۇلارنىڭ بۇ يەردىكى ئەڭ چوڭ ئارزۇسى بولسا نام چىقىرىش، چولپان بولۇش، ئەڭ ئاخىرىدا پۇلدار كىشىگە ياتلىق بولۇپ باياشاد تۇرمۇش كەچۈرۈش.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad

تەۋسىيە قىلغىنى

تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

تەۋسىيە ۋېدىئولار

ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • بىر قېلىپتىن چىققانلار قاتناشقان خانقىز تاللاش مۇسابىقىسىدە خاسلىقىنى نامايەن قىلىشنى تەكىتلىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • جۇڭگودىكى ئەڭ ئېسىل 16 مېھمانساراي

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • تاغدەك يۆلەنچۈكىمىز بولغان ئاتىلارغا بېغىشلايمەن

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئافرىقىدىكى ياۋروپا چوڭ شەھەرلىرىدىن قېلىشمايدىغان بىر نەچچە شەھەر

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • جۇڭگولۇق ئەرلەر نېمىشقا ھىندىستانلىق قىزلارنى ئەمرىگە ئېلىشنى خالىمايدۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئاكىسىنىڭ كىملىكىگە توي خېتى ئالغان يىگىت ئايالىدىن ئاجرىشىشقا ئۇنىمىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • جۇڭگولۇق يىگىت گۈلدەك چىرايلىق بېلورۇسىيەلىك قىزنى ئەمرىگە ئالدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئانىلار بايرىمى قانداق كېلىپ چىققان؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دىققەت: بۇ ئۇچۇرلارنى يانفوندا ساقلاشقا ھەرگىز بولمايدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015