بەزمىخانىدا ئۇسسۇل ئوينىغان ئېسىلزادە 22 كاراتلىق ئالماس ئۈزۈكىنى يۈتتۈرۈپ قويدى

تەۋە تۈر : خەۋەر > ئۇنۋىرسال >       مەنبە : نۇر تورى      يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2018-03-25 13:12:18

سىنا تورىنىڭ تاماشا خەۋىرى، :

تەيۋەن تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ ئېسىلزادىسى پەرس خىلتون ھەمىشە بايلىقىنى كۆز-كۆز قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان، ئەركە-نايناق قىز ئوبرازى بىلەن دائىم كىشىلەرنىڭ مۇنازىرىسىنى قوزغاپ كەلگەن. يانۋار ئېيىدا ئارتىس ئوغۇل دوستى كىرس زايلىكنىڭ توي تەلىپىگە ماقۇل بولغان ئۇ يېقىندا بەزمىخانىدا ئۇسسۇل ئويناۋاتقاندا، ئېھتىياتسىزلىقتىن «22 كاراتلىق كەپتەر تۇخۇمى ئالماس ئۈزۈكى»نى «ئۇچۇرتىۋېتىپ»، يوقىتىپ قويغاندا، نەق مەيداندىلا يىغلاپ كەتكەن. ھېلىمۇ ياخشى، كۆپچىلىكنىڭ ياردىمىدە تويلۇق ئۈزۈكىنى قايتۇرۇپ كەلگەن.

«پاگې سىكس»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پەرس خىلتون بولغۇسى يولدىشى بىلەن بىرلىكتە مىئامىدىكى بەزمىخانىغا بارغان بولۇپ، ئويلىمىغان يەردىن، قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، بوشلۇقتا ئۇسسۇل ئويناۋاتقان ئۇ تۇيۇقسىز 22 كاراتلىق ئالماس ئۈزۈكنى «ئۇچۇرتىۋەتكەن». شۇ چاغدا ئۇ نەق مەيداندىلا يىغلاپ كەتكەن بولۇپ، كىرىس بولسا سوغۇققانلىق بىلەن دەرھال بارلىق خىزمەتچىلەرنى ئىزدەشكە چاقىرغان. نەق مەيداندىكىلەرمۇ بەس-بەستە ئالماس ئۈزۈكنى ئىزدەپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئىككى ئۈستەلنىڭ ئاستىدىكى مۇز چېلەكنىڭ ئىچىدىن كەپتەر تۇخۇمىچىلىك كېلىدىغان ئۈزۈكنى تاپقان.

پەرس خىلتون بىلەن كىرىس زايلىك تۆت ياش پەرق قىلىدىغان ئاچا-ئىنى مۇھەببەتلەردىن بولۇپ، ئىككەيلەن سەككىز يىل بۇرۇن ئوسكار يىغىلىشىدا تونۇشۇپ، ئىككى يىل بۇرۇن ئاندىن مەخپىي ئالاقىلىشىپ، مۇھەببەتلەشكەن. ئۇمۇ 2017-يىل فېۋرالدا بۇ مۇھەببىتىنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، يانۋار ئېيىدا ئالاقە تورىغا ئوغۇل دوستى بىلەن رومانتىك توي تەلىپى قويۇش سۈرەتلىرىنى يوللاپ: «مەن بولىدۇ، دېدىم. ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. ھاياتىمدىكى ھەقىقىي سۆيگۈنۈم بىلەن توي قىلالايدىغانلىقىمدىن ئىنتايىن ھاياجانلاندىم. ئۇ مېنىڭ ئەڭ يېقىن دوستۇم ۋە روھىي ھەمراھىم، ھەرقايسى جەھەتلەردىن ئىنتايىن مۇكەممەل ھەم شۇنچىلىك ساداقەتمەن، رومانتىك، ئاقكۆڭۈل، قەلبى مۇھەببەتكە تويۇنغان ئەر»، دەپ يازدى. 

ئۇ يەنە ئۆزىنى دۇنيادىكى ئەڭ تەلەيلىك قىزچاق دەپ، بۈگۈنكى كۈندە ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىدىن چۆچەكلەردىكى ھېكايىلەرنىڭ ھەقىقەتەنمۇ مەۋجۇتلىقىغا ئىشەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بىراق سىرتتىكىلەر بولسا، قىزىق نۇقتىنى كەپتەر تۇخۇمىچىلىك كېلىدىغان ئالماس ئۈزۈككە قاراتقان بولۇپ، ئىگىلىنىشىچە، 22 كاراتلىق ئۈزۈكنىڭ قىممىتى ئىككى مىليون دوللار (تەخمىنەن 12 مىليون 620 مىڭ يۈەنگە باراۋەر) كېلىدىكەن.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad

تەۋسىيە قىلغىنى

تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

تەۋسىيە ۋېدىئولار

ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • بىر قېلىپتىن چىققانلار قاتناشقان خانقىز تاللاش مۇسابىقىسىدە خاسلىقىنى نامايەن قىلىشنى تەكىتلىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • جۇڭگودىكى ئەڭ ئېسىل 16 مېھمانساراي

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • تاغدەك يۆلەنچۈكىمىز بولغان ئاتىلارغا بېغىشلايمەن

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئافرىقىدىكى ياۋروپا چوڭ شەھەرلىرىدىن قېلىشمايدىغان بىر نەچچە شەھەر

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • جۇڭگولۇق ئەرلەر نېمىشقا ھىندىستانلىق قىزلارنى ئەمرىگە ئېلىشنى خالىمايدۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئاكىسىنىڭ كىملىكىگە توي خېتى ئالغان يىگىت ئايالىدىن ئاجرىشىشقا ئۇنىمىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • جۇڭگولۇق يىگىت گۈلدەك چىرايلىق بېلورۇسىيەلىك قىزنى ئەمرىگە ئالدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئانىلار بايرىمى قانداق كېلىپ چىققان؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دىققەت: بۇ ئۇچۇرلارنى يانفوندا ساقلاشقا ھەرگىز بولمايدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015