ئۆيلىنىپ بولغان ئادەمنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندا ئۆزىڭىزدىن بۇ سوئاللارنى سوراڭ

تەۋە تۈر : تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق > مۇھەببەت >       مەنبە : تور دۇنياسى      يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2018-06-11 21:57:49

توۋتياۋ تورى خەۋىرى :

نۇرغۇن كىشىلەر مۇھەببەت قەلب ئىشىكىمنى چەككەندە مەنمۇ توسۇيالمايمەن دەيدۇ. توغرا! مۇھەببەت كەلگەندە ۋاقىت، ئورۇن تاللاپ ئولتۇرمايدۇ، لېكىن بىز قۇرامىغا يەتكەن ئادەم بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مۇھەببەتنى كونترول قىلالمىغان تەقدىردىمۇ ئۆزىمىزنى كونترول قىلىشىمىز لازىم، چۈنكى بىر ئادەم ئۆزىنى كونترول قىلالىغاندىلا ئاندىن پىشىپ يېتىلەلەيدۇ.

سىز كېلەركى مىنۇتتا كىم بىلەن ئۇچرىشىدىغانلىقىڭىزنى بىلمەيسىز، كىم ئۈچۈن يۈرىكىڭىز سوقىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيسىز، كىلەركى مىنۇتتا چىقارغان قارارىڭىزنىڭ نېمە بولىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيسىز.

ئەگەر ئۆيلەنگەن بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ قالسىڭىز، زادى قانداق قىلسىڭىز توغرا بولىدۇ؟ تۆۋەندىكى نۇقتىلارنى ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ.

1. باشقىلارنىڭ نىكاھىغا ئارىلىشىپ سىز زادى نېمىگە ئېرىشىسىز؟

نۇرغۇنلىغان كىشىلەر قىلغان ئىشىنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلاشمايدۇ، پەقەت ھازىرقى ۋاقتىمنى خۇشال ئۆتكۈزسەم بولدى دەپ قارايدۇ، بۇنداق قىلىش پۈتۈنلەي خاتا، چۈنكى يۈز بېرىشكە تېگىشلىك ئىشلار ھامىنى يۈز بېرىدۇ، باشقىلارنىڭ نىكاھىغا ئارىلىشىش سىزگە زادى نېمە ئېلىپ كېلىدۇ؟ مۇھەببەت دېگەن بىردەملىك ھوزۇر ئېلىشمۇ؟ بۇ پەقەت باشلىنىشى، كېيىنچە ساناپ تۈگەتكۈسىز قۇرۇق گەپ-سۆز، تىللاش، ئايىغى چىقمايدىغان ئازاب-ئوقۇبەت پەيدا بولىدۇ. باشقىلارنىڭ ئائىلىسىنى بۇزۇپ ئۆزىڭىزنىڭ نام-ئابرويىڭىزنى بۇلغىۋالغىنىڭىزنىڭ زادى نېمە پايدىسى؟

2. ئۇ راستتىنلا سىز ئۈچۈن ئائىلىسىدىن ۋاز كېچەلەمدۇ؟

بەزىلەر ئىنتايىن سەبىيلىك بىلەن ئۇلار ئەر-خوتۇن ئىككەيلەننىڭ ئارىسىدا مۇھەببەت يوق، پەقەتلا ئاجراشمىغان يېرى بار شۇ دەپ ئويلايدۇ، ئۇنداقتا سوراپ باقاي، مۇھەببەت قالمىغان ئىكەن، نېمىشقا ھازىرلا قارشى تەرەپ بىلەن ئاجرىشىپ سىز بىلەن ئوچۇق-يورۇق مۇھەببەتلەشمەيدۇ؟ نېمىشقا يەنە سىز بىلەن يوشۇرۇن مۇھەببەتلىشىپ، باشقىلارنىڭ بىلىپ قېلىشىنى خالىمايدۇ؟ نىكاھتا ئازابقا قالغان ئادەمنى قۇتۇلدۇرۇشنى ئويلىماڭ، ئەگەر ئۇ راستتىنلا ئۆزى دېگەندەك ئازاب ئىچىدە بولسا ئاللىبۇرۇن ئاجرىشىپ كەتكەن بولاتتى، ئاجراشماي سىزنىمۇ قويۇپ بەرمەي يۈرسە، سىز ئۇنىڭ مەقسىتىنى تېخى چۈشەنمىدىڭىزمۇ؟

3. ئىككىڭلارنىڭ ئارىسىدىكى راستتىنلا ھەقىقىي مۇھەببەتمۇ؟

بەزىلەر ئۆزىمۇ بىلمەيلا ئۈچىنچى شەخىسكە ئايلىنىپ قالىدۇ، سىز بۇ مەسىلىنى ئەستايىدىل ئويلىشىپ باقتىڭىزمۇ؟ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ھېسسىيات زادى قايسى خىل ھېسسىيات؟ بىر-بىرىنى بىر كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قالىدىغانلار ئىنتايىن ئاز، ئادەملەر ئاساسلىقى ئۇزۇن ۋاقىت ئارىلىشىپ ئاندىن مۇھەببەت شەكىللىنىدۇ، ئەگەر سىز باشتىلا ئۆزىڭىزگە ئۇنىڭ توي قىلىپ بولغان ئادەم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئۇنىڭدىن يىراق تۇرۇشىڭىز كېرەكلىكىنى ئۆزىڭىزگە پىرىنسىپ قىلغان بولسىڭىز بەلكىم كەينىدىكى ئازابلار پەيدا بولمىغان بولاتتى، سىز بۇ ئىشنىڭ خەتەرلىكلىكىنى ئەزەلدىن ئەستايىدىل ئويلىشىپ باقمىغاچقا، ئۆزىڭىز قۇربانلىق بېرىپ تۇرۇپ ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمەيسىز، نەتىجىدە نۇرغۇنلىغان ئازابقا قالىسىز.

پىشىپ يېتىلگەن ئادەم ئۆزىنىڭ ھېسسىياتىنى كونترول قىلىشنى بىلىۋېلىشى كېرەك، ھەممەيلەننىڭ ئۆزىگە مەنسۇپ بەختىنى تېپىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • مۇنداق ئاياللار لەۋ سۇرۇخ سۈرۈشكە ماس كەلمەيدۇ
  • ئەر-خوتۇن ماي تارتىشىپ قالغاندا قانداق قىلىشى كېرەك؟
  • قان ئازلىق ئاياللاردا تۇغماسلىقنى پەيدا قىلامدۇ؟
  • بالىڭىزنى قانداق ماختايسىز؟
  • ئاياللار سالامەتلىك تەكشۈرۈش تۈرلىرىنى قانداق تاللىشى كېرەك؟
  • ئادەم بەدىنىدىن نېمە ئۈچۈن ھەر خىل خىل پۇراقلار ھاسىل بولىدۇ؟
  • بۇ تۆت خىل ئايال بىلەن توي قىلغان ئەرلەرنى بىر ئۆمۈر نەس باسىدۇ
  • قېنىڭىزدا كالىي مىقدارى تۆۋەنلەپ كەتسە مۇنداق قىلىڭ
  • دائىم قىزىل چاي ئىچىپ بېرىشنىڭ بەش تۈرلۈك پايدىسى
  • تاماكا چېكىش ئۆپكە راكىنىڭ بىردىنبىر سەۋەبىمۇ
  • ئەرلەر كەلگۈسى 50 يىلدا بالىلىق بولۇش ئىقتىدارىدىن قېلىشى مۇمكىن
  • بىر سائەت پىيادە مېڭىشنىڭ قانچىلىك پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟
  • مۇھەببەتنىڭ قىزغىن داۋاملىشىش ۋاقتى ئىككى يىل بولىدۇ
  • ئالتە خىل «مودا» ياشاش ئۇسۇلى ساغلاملىقىڭىزنى نابۇت قىلىۋېتىدۇ
  • ئاياللاردا بۆرەك ئاجىز بولسا تۆۋەندىكىدەك ئىپادىلەر بولىدۇ
  • ئەتىگىنى ئويغىنىپلا جىددىي ئورنىڭىزدىن تۇرماڭ
  • ئاياللار تۇرمۇشتا چوقۇم «ئۆزگىرىشى» كېرەك
  • بىر كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قېلىشنىڭ ئىلمىي ئاساسلىرى
  • ئەڭ يىڭى يوللانغىنى

  • يۈزدىكى بەش ئەزاغا قاراپ ئىچكى ئەزالارنىڭ ساغلاملىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدىكەن

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • بەختلىك ئەر-ئايال مۇنداق قىلىدۇ...

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • قىزلارنىڭ 19 ياش ۋاقتى بىلەن 29 ياش ۋاقتىدىكى پەرق

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • دائىم ئۇيقۇڭىز قاچامدۇ؟ ئۇنداقتا بۇ ئۇسۇللارنى قوللىنىپ بېقىڭ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ھەيز مەزگىلىدە ئوپېراتسىيە قىلدۇرسا بولامدۇ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللار قانچە يېشىدا توي قىلىشقا ئەڭ ئالدىرايدۇ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئەقىللىق ئاياللارنىڭ مۇنداق توققۇز ئالاھىدىلىكى بولىدىكەن

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • «تۇرمۇش ئىناۋەتلىك كارتىسى» غا سەمىمىي بولالىدىڭىزمۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • يېڭى ھامىلدار بولۇپ بويىدىن ئاجراپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلارغا تەۋسىيە

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئۆيلىنىپ بولغان ئادەمنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندا ئۆزىڭىزدىن بۇ سوئاللارنى سوراڭ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ياز ۋاقتىدا ئورۇقلاشقا ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان ھەرىكەتلەر

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللارنىڭ بەكرەك كۈتۈنۈشكە تېگىشلىك بولغان ئۈچ خىل مەزگىلى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئەڭ ياخشى يازلىق مېۋىلەر رەت تەرتىپى ئېلان قىلىندى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • تاماقتىن كېيىنلا بۇ 10 ئىشنى قىلىش ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغانغا باراۋەر

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • كۆزنى يۇمۇپ 10 مىنۇت ئارام ئالدۇرۇشنىڭ پايدىسى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • باشلان خەۋەرلىرى

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ئاۋات ساغلاملىق بىلىملىرى

    باشلان تەۋسىيە قىلغىنى

    باشلان تورى تەۋسىيە خەۋىرى
  • داچىدا تۇرۇپ ئايدا 10 مىڭ يۈەن مائاش ئالىدىغان بىۋاستە تارقاتقۇچىلار

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بىل گەيتىس: ئىلگىرى كەينىگە سۆرەش كېسىلىم بەك ئېغىر ئىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بەزمىخانىدا ئۇسسۇل ئوينىغان ئېسىلزادە 22 كاراتلىق ئالماس ئۈزۈكىنى يۈتتۈرۈپ قويدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • «يانفون خۇمارى»نىڭ توققۇز تۈرلۈك ئىپادىسى: سىزدە قانچىسى بار؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئۈرۈمچىدە باشقا جايدىكىلەرنىڭ كىملىكىنى چۈشلۈك دەم ئېلىشتىمۇ بېجىرگىلى بولىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • خاۋكىڭ مۇھەببەتتە تولىمۇ تەلىيى كەلگەن بىر ئىنسان

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ما يۈن: 2018-يىلى ئىنتېرنېت ئېلىمىزدە زور بىر تۈركۈم بايلارنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • خاۋكىڭنىڭ ئەڭ مەشھۇر ھېكمەتلىك سۆزلىرى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • تور سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىش ئاممىغا قانداق نەپ ئېلىپ كېلىدۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015