بىل گەيتىس: ئىلگىرى كەينىگە سۆرەش كېسىلىم بەك ئېغىر ئىدى

تەۋە تۈر : خەۋەر > تىخنىكا >       مەنبە : نۇر تورى      يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2018-03-27 12:31:44

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر تورى، 

بىل گەيتىس بىرلەشمە قۇرغۇچى سالاھىيىتىدە نەچچە ئون مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممەتكە ئىگە پەن-تېخنىكا ئىمپېرىيەسىنى قۇرغان، لېكىن مۇشۇنداق بىر مۇۋەپپىقىيەت قازانغان شەخىسنىڭ ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر ناچار ئادىتى بار.

2005-يىلى بىل گەيتىس بىلەن يەنە بىر مىلياردېر باففېت بىر سوئال-جاۋاب پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ. گەيتىس نابراسكا ئۇنىۋېرىستىتى لىنكولىن سودا ئىنىستىتۇتىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئىلگىرى ئۆزىدە كەينىگە سۆرەش كېسىلىنىڭ بەك ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ.

خارۋارد ئۇنىۋېرىستىتىدا باكلاۋۇرلۇقنى ئوقۇۋاتقاندا (گەرچە ئۇ ئىككى يىلدىن كېيىنلا ئوقۇشتىن چېكىنگەن بولسىمۇ) مۇشۇنداق ناچار ئادەتنى ئۆزىگە يۇقتۇرۋالغان ئىكەن. «مەن باشقىلارغا مېنىڭ ھېچقانداق خىزمەت قىلمايدىغانلىقىمنى، ھېچقانداق دەرسكە قاتناشمايدىغانلىقىمنى، ھېچقانداق ئىشقا كۆڭۈل بۆلمەيدىغانلىقىمنى ئېيتىپ بېرىشكە ئامراقتىم.»

لېكىن بىل گەيتىس ئىمتىھانغا ئىككى كۈن قالغاندا ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆگىنىشكە باشلايدۇ. «ھەممە ئادەم بۇنى بەك قىززىقارلىق دەيىتتى، شۇنىڭ بىلەن مەن ئۆزۈمگە ئۆزۈم ئېنىقلىما بەردىم: مەن ئەڭ ئاخىرقى مىنۇت كەلگەندىلا ئاندىن رەسمىي ئىشقا ئۆتىدىغان ئادەمكەنمەن.»

كېيىن ئۇ ئوقۇغۇچىلىقتىن سودىگەرگە ئايلانغاندىن كېيىنمۇ بۇ ناچار ئادىتى تەبئىي يوقاپ كەتمىگەن. «مەن سودا ساھەسىگە كىرگەندە كەينىگە سۆرەش كېسىلىم يەنە ئوڭشالمىدى، نەچچە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ بۇ ناچار ئادەتتىن ئاران قۇتۇلدۇم.» بۇنى ئاڭلىغان تاماشىبىنلار كۈلۈپ كەتكەن.

بىر يۇمشاق دېتال شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىل گەيتىس 2016-يىلى يەنە بىر قېتىم بىر مۇنازىرىدە ئۆزىنىڭ كەينىگە سۆرەش ئادىتى ھەققىدە سۆزلىگەن. ئۇنىڭدىن خارۋارد ئۇنىۋېرىستىتىدىكى ئەڭ گۈزەل ئەسلىمىسىنىڭ نېمىلىكى ھەققىدە سورالغاندا: «مەن ئەينى ۋاقىتتا ھېچكىمگە ئوخشىمايدىغان ئادەم بولسام دەيتتىم، ھېچقانداق دەرسكە تىزىملاتمايتتىم، لېكىن تىزىملاتمىغان دەرسكە ھەمىشە قاتنىشاتتىم» دەيدۇ.

يەنە بىر تورداش ئۇنىڭدىن قانداق قىلىپ ھەر قايسى پەنلەرنىڭ ئىمتىھانىدىن ئۆتىدىغانلىقىنى سورىغان. بىل گەيتىس چۈشەندۈرۈپ، بىر قىسىم ئۇنىۋېرىستىتلارنىڭ مەۋسۇم ئاخىرىدىن بىر قانچە كۈن بۇرۇن پايدىلىنىش ماتېرىيالى تارقىتىدىغانلىقىنى، ئۇ پەقەت شۇ ماتېرىياللارنى ئالغاندىن كېيىنلا «قاتتىق تىرىشىپ» ئۆگىنىدىغانلىقىىنى ئېيتىپ بەرگەن.

تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، كەينىگە سۆرەش كېسىلىنىڭ بەدىلى قىسقا مۇددەتلىك ئەركىنلىكتىن چوڭ بولىدىكەن. «پىسخىكا ئىلمى»نىڭ 20 يىللىق تەتقىقاتىدىن ئايان بولۇشىچە، كەينىگە سۆرەش خىزمەت سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن، بەخت تۇيغۇسىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدىكەن.

گەرچە بىل گەيتىس ھازىر ئۇنچىۋالا كەينىگە سۆرىمەيدىغان بولغان بولسىمۇ لېكىن ئۇ ئەينى ۋاقىتتا ئوقۇغۇچىلارغا ئۇنىڭ ھېلىمۇ سۆرەلمىلىك كېسىلى بىلەن ئېلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان: «مەن ھېلىمۇ تىرىشىۋاتىمەن، كەينىگە سۆرەش كېسىلى ھەقىقەتەنمۇ ياخشى ئادەت ئەمەس.»

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad

تەۋسىيە قىلغىنى

تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

تەۋسىيە ۋېدىئولار

ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • چەمبىرەك سودىگەرلىرى راستتىنلا ئېيىغا مىليون يۈەن كىرىم قىلالامدۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • كىچىك سەييارىلەرنىڭ يەر شارىغا سوقۇلۇش ئېھتىماللىقى زادى قانچىلىك؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئېلون ماسك توختىماي راكېتا قويۇپ بېرىپ دۇنيانىڭ تور سۈرئىتىنى تېزلەتمەكچى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015