«يانفون خۇمارى»نىڭ توققۇز تۈرلۈك ئىپادىسى: سىزدە قانچىسى بار؟

تەۋە تۈر : خەۋەر > تىخنىكا >       مەنبە : نۇر تورى      يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2018-03-23 21:54:14

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى 23-مارت خەۋىرى:

نەچچە مىنۇتتا بىر قېتىم يانفونىڭىزنى قولىڭىزغا ئېلىپ يېڭى ئۇچۇر كەلگەن كەلمىگىنىنى كۆرگەچ دوستلار چەمبىرىكىنى بىر كۆرۈپ چىقامسىز؟

يول ماڭغاندىمۇ پۈتۈن دۇنيا قولىڭىزدىكىدەك ھېس قىلامسىز؟

تاماق يەۋاتقاندىمۇ ئازراق زېرىكىشلىك ھېس قىلسىڭىزلا يانفونىڭىزنى ئېلىپ ئۇنى-بۇنى كۆرۈپ كېتەمسىز؟

ئەمەلىيەتتە بۇ ھازىرقى ھەممەيلەننىڭ رېئاللىقتىكى ئادىتىگە ئايلىنىپ قالدى. ئۇخلاشتىن بۇرۇن قىلىدىغان ئىشىمىزمۇ يانفونغا بىر قارىۋېتىش، ئۇخلاپ قوپۇپ تۇنجى قىلىدىغان ئىشىمىزمۇ يانفونغا قاراش، يول ماڭساق، تاماق يېسەك، ئىشلىسەك يانفون يەنىلا قولىمىزدىن چۈشمەيدۇ، يانفون يېنىمىزدا بولماي قالسىلا ئولتۇرالماي قالىمىز. ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسىنى يىغىنچاقلىساق «يانفون خۇمارى».

يېقىندا ئەنگلىيە تاراتقۇلىرى يانفونغا خۇمار بولۇپ قالغانلارنىڭ توققۇز خىل ئادىتىنى رەتكە تىزىپ چىقتى، ئەگەر بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى يەتتىدىن ئارتۇق تۈر سىزدە بار بولسا، ئۇنداقتا يانفوننى تاقاپ دەم ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىڭ.

1. يانفوننى 24 سائەت ئوچۇق قويۇش

40% ئادەم 24 سائەت يانفوننى يېنىدىن ئايرىمايدۇ، %83 ئادەم ئۇخلىغاندا يانفونىنى يېنىغا قويۇپ ياتىدۇ، %73 ئادەم ماشىنا ھەيدىگەندە تېلېفون پاراڭلىشىپ باققان، بۇلارنىڭ ھەممىسى بەدەنگە بىر قىسىم زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.

2. مېڭىۋېتىپ باشقىلارغا ئۇچۇر يوللاش

47% ياش-ئۆسمۈرلەر تۇرمۇشتىكى ئىجتىمائىي ئالاقە ئۇچۇردىن ئايرىلالمايدۇ دەپ قارايدۇ، %42 ياش-ئۆسمۈرلەر يانفونغا قارىماي تۇرۇپمۇ ئۇچۇر يازالايمىز، دەيدۇ.

3. يانفونغا بېرىلىپ كېتىپ ئىجتىمائىي ئالاقىگە سەل قاراش

15% ئادەم ناتونۇش كىشىلەر بىلەن پاراڭلاشقۇسى كەلمىگەندە يانفونىنى قولىغا ئالىدۇ، %50 دىن يۇقىرى كىشىلەر باشقىلار بىلەن يۈز تۇرانە پاراڭلاشقاندىن يانفوندا پاراڭلىشىشنى ياقتۇرىدۇ.

4. خىزمەت ۋاقتىدا شەخسي تېلېفون قىلىش

خىزمەت ۋاقتىدا «يانفون خۇمارى» بولۇپ قالغانلار يانفونىنى كاللىسىدىن چىقىرىۋېتەلمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئەتراپتىكىلەرگە پىسەنت قىلماي باشقىلار بىلەن تېلېفون پاراڭلىشىدۇ، پاراڭلىشىش ۋاقتى ھەتتا سائەتكە يېتىدۇ.

5. يىغىن ئېچىۋاتقاندا دوستلار چەمبىرىكىگە يېڭى يازما يوللاش

دوستلار چەمبىرىكىدە بەزىدە مۇنداق يازمىلارنى ئۇچرىتىسىز: «يىغىن ئېچىۋاتىدۇ، نېمانداق زېرىكىشلىك، پاراڭلىشىدىغانلار بارمۇ؟» ئۇلار ھەتتا يىغىن ۋاقتىدىمۇ يانفوننىڭ قىزىقتۇرۇشىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، ئىچى پۇشسىلا دوستلار چەمبرىكىگە نەرسە چىقىرىپ ۋاقىت ئۆتكۈزىدۇ.

 6. ھاجەتخانىدىمۇ يانفون ئويناش

40% ئادەم ھاجەتخانىدا تېلېفون پاراڭلىشىپ باققان، يانفوندىن ئايرىلىشقا ئۇلارنىڭ كۆڭلى ئۇنىمايدۇ، بىر نەرسىسى كامدەك ھېس قىلىدۇ.

7. يېرىم كېچىدە تېلېفون پاراڭلىشىش ياكى يانفوندا تورغا چىقىش

يېرىم كېچە ئەسلى ياخشى ئارام ئالىدىغان ۋاقىت، بۇ ۋاقىتتا يانفوننىڭ ئاۋازىنى ئېتىۋەتسىڭىز توغرا بولىدۇ، لېكىن يانفون خۇمارى بارلارغا نىسبەتەن بۇ ئازابلىق ئىش، ئۇلار باشقىلارنىڭ ئۇرغان تېلېفونىنى ئالالماي قېلىشتىن ئەنسىرەيدۇ، مەيلى يېرىم كېچە بولسىمۇ چوقۇم تېلېفوننى ئالىدۇ، ئاۋازىنى ھەرگىز ئۆچۈرۈۋەتمەيدۇ، ئۇياق-بۇياققا ئۆرۈلۈپ ئۇخلىيالمىغاندا يەنىلا يانفونى ئېسىگە كېلىدۇ.

8. يانفون ئوينىسا ئوينايدۇكى تېلېۋىزورغا قاراپمۇ قويمايدۇ

كۆپ قىسىم خىزمەتتىكى كىشىلەر كۈندۈزى ئىشلەپ، كەچتە ئىشتىن چۈشۈپ كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى كۆرۈشنى تاللايدۇ. لېكىن كۆپلىگەن كىشىلەر قىسىم قوغلاپ كۆرىۋاتقان تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى تېلېۋىزوردىن ئەمەس بەلكى يانفوندىن كۆرۈشنى تاللايدۇ، بۇمۇ ھازىر بىر ئادەتكە ئايلاندى.

9. تىنىچلىق تەلەپ قىلىنغان يەرلەردە تېلېفون پاراڭلىشىدۇ

دوختۇرخانا، كىنوخانا قاتارلىق مۇتلەق تىنىچلىق تەلەپ قىلىنغان يەرلەرمۇ ئۇلارنىڭ تېلېفون پاراڭلىشىش ئىستىكىنى بىتىچىت قىلالمايدۇ.

سىزدە يۇقارقى ئەھۋاللارنىڭ نەچچىسى باركەن؟

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad

تەۋسىيە قىلغىنى

تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

تەۋسىيە ۋېدىئولار

ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • چەمبىرەك سودىگەرلىرى راستتىنلا ئېيىغا مىليون يۈەن كىرىم قىلالامدۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • كىچىك سەييارىلەرنىڭ يەر شارىغا سوقۇلۇش ئېھتىماللىقى زادى قانچىلىك؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئېلون ماسك توختىماي راكېتا قويۇپ بېرىپ دۇنيانىڭ تور سۈرئىتىنى تېزلەتمەكچى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015