خاۋكىڭ مۇھەببەتتە تولىمۇ تەلىيى كەلگەن بىر ئىنسان

تەۋە تۈر : خەۋەر > تىخنىكا >       مەنبە : نۇر تورى      يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2018-03-16 20:11:51

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر تورى،

نەچچە كۈندىن بۇيان نۇر تورىدا سىتېفېن خاۋكىڭنىڭ تۆھپىلىرى، مەشھۇر سۆزلىرى، قەيسەرلىكى...دېگەندەك تېمىلار سۆزلەندى. ئۇنداقتا ئۇنىڭ شەخسىي نىكاھ تۇرمۇشى قانداق بولغان؟

ئۇنىڭ 14-مارتتىكى ۋاپاتى ئىلىم ساھەسى ئۈچۈن چوڭ بىر يوقىتىش بولدى. ئۇنىڭ قالدۇرۇپ كەتكىنى ئۇنىڭ قالتىس نەزىيىلىرىدىن باشقا يەنە مۇرەككەپ مۇھەببىتىمۇ بار ئىدى.

«بارلىق نەزەرىيىسى» (万物理论) خاۋكىڭنىڭ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە كېسەلگە گىرىپتار بولغان ۋاقتى ۋە تۇنجى ئايالى بىلەن بولغان مۇھەببەت ھېكايىسى سۆزلىنىدىغان فىلىم.

2014-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى فىلىم قويۇلغاندا خاۋكىڭ ۋە ئۇنىڭ تۇنجى ئايالى جېيىن ئىككەيلەن تەڭ مۇراسىمغا قاتناشقان، خاۋكىڭ فىلىمنى كۆرىۋېتىپ كۆز يېشى قىلغان.

خاۋكىڭنىڭ فىلىمنى كۆرۈپ بەرگەن باھاسى: «ئومۇمەن توغرا بوپتۇ» بولغان. ئەمەلىيەتتە رېئاللىقتىكى مۇھەببەت بۇ ئۇلۇغ فىزىكا ئالىمىغا نىسبەتەن تولىمۇ ئازابلىق ۋە چۈشىنىكسىز بولغان.

كىچىك ۋاقتىدا خاۋكىڭ توختىماي سوئال سوراپ تۇرىدىغان، توختىماي بىر ئىشلارنى قلىىپ تۇرىدىغان بالا ئىدى. ئۇنىڭ سىڭلىسى مارى: «ئۇ ھەممە ئىشتا ئالاھىدە ئىدى، مەن خاۋكىڭ بىلەن بىر قېتىم دامكا ئوينىغاندا بىر قېتىملا يېڭىپ باققان، كېيىن ئۇ خەلقئارالىق شاھمات ئويناشقا ئۆزگەرگەندىن كېيىن ئۇنى پەقەت يېڭىپ باقمىدىم» دەيدۇ.

17 ياشلىق خاۋكىڭ ئوكىسفورد ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ تەبىئەت پەنلىرىدە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن خاۋكىڭ ئوكىسفوردتا تىرىشماي ئوقۇسا ئاندىن ئىقتىدارى بار بولىدىغانلىقىنى، بەك تىرىشىۋەتسە كالتە پەم سانىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. ئۇ ۋاقىتتىكى ئوكىسفوردنىڭ ھاۋاسى كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ.

خاۋكىڭ شۇنداق دەيدۇ: «ئوكىسفوردتا كۈندە بىر سائەتلا ئۆگىنىش قىلاتتىم، شۇ ۋاقىتتا بۇ بىر مودا ئىدى.» شۇنداقتىمۇ ئۇ يەنىلا بىرىنچىلىكنى قولدىن بەرمەي، كېيىن كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتىغا دوكتۇرلۇق ئوقۇشقا كىرىپ، كائىنات ئىلمىي ئۆگىنىدۇ.

ئەينى ۋاقىتتىكى خاۋكىڭ باشقا دوستلىرىغا ئوخشاش چاپچىپ تۇرىدىغان، ئەركەكلىكى ئۇرغۇپ تۇرغان ياش يىگىتى ئىدى. لېكىن ئۇ پات-پات ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ قولاشمايۋاتقانلىقىنى، ئايىغىنىڭ يىپىنى چىگىدىغان چاغدا سەل قىينالغانلىقىنى ھېس قىلغان. يول ماڭغاندا سەل دىققەت قىلمىسا باشقا نەرسىلەرگە ئۈسۈۋالاتتى. ئۇ پۇتىنىڭ ئۆزىگە بويسۇنمايۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. گەپلىرىنىمۇ ئىلغا قىلغىلى بولمايدۇ، خۇددى مەسىت بولۇپ قالغان ئادەمدەك. ئۇ ئۆزىدىن مەسىلە چىققانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشنى خالىمايدۇ، شۇڭا كارى بولمايدۇ.

1963-يىلى يېڭى يىل ھارپىسىدا خاۋكىڭنى دوستلىرى بىر كەچلىك يىغىلىشقا تەكلىپ قىلىدۇ، دوستلىرى ئارىسىدا خاۋكىڭنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى دوستلىرى ۋە بىر قىسىم يېڭى دوستلىرى بار ئىدى.

شۇ كۈنى ئاخشىمى كەيپىيات ناھايىتى جانلىق بولسىمۇ لېكىن خاۋكىڭ ئانچە خوشال بولالمىدى، چۈنكى ئۇنىڭ كېسەللىك ئالامىتى بەك روشەن بولىۋاتاتتى. ھەمىشە مېھمانلارنىڭ ئالدىدا ئوڭايسىز ھالغا چۈشۈپ قېلىۋاتاتتى.

كىنودىكىگە ئوخشاشلا ئۇ شۇ كۈنى جيېىن ئىسىملىك بىر قىزچاق بىلەن تونۇشىدۇ. ئۇ خاۋكىڭنىڭ ئەقىل-پاراسەتكە تولغان گەپ-سۆزلىرى، غەلىتە قىلىقلىرىغا مەپتۇن بولۇپ قالىدۇ. ئۇ بۇ يىگىتنىڭ سەل غەلىتە بولسىمۇ لېكىن بەك جەلپكار ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. «ئۇنىڭ كۈلكىسى، ۋە چىرايلىق كۈلرەڭ كۆزلىرى مېنى مەپتۇن قىلىۋالدى.» شۇنداق قىلىپ ئۇلار مۇھەببەت تورىغا ئىلىنىپ قالىدۇ.

تونۇشۇپ بىر ئايدىن كېيىن خاۋكىڭ مۇسكۇل يىگىلەپ قېتىۋېلىش كېسىلى دەپ دىياگنوز قويۇلىدۇ. دوختۇر ئۇنىڭغا كۆپ بولغاندا ئىككى يىل ئۆمۈر كۆرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. لېكىن جېيىن ھەممىگە پەرۋا قىلماي ئۇنىڭ بىلەن مۇھەببەتلىشىدۇ، مۇھەببىتى ئارقىلىق ئۇنىڭ قېلىپ قالغان كۈنلىرىنى بەختلىك ھالدا بىللە ئۆتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

1965-يىلى خاۋكىڭ ھاسا تاياققا تايىنىپ تۇرۇپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ.

فىلىمدە ئەينى ۋاقىتتىكى توي مۇراسىمى ئەينەن ئىپادىلەنگەن.

فىلىمدە جېيىن بىلەن خاۋكىڭنىڭ مۇھەببىتى ناھايىتى مۇقىم كۆرۈنىدۇ، جېيىن شۇنداق دەيدۇ: «مەن قارىماققا ئۇنداق قەيسەر ئايالدەك كۆرۈنمەيمەن، لېكىن مەن ئۇنى سۆيىمەن، ئۇمۇ مېنى سۆيىدۇ، بىز بىللە بۇ كېسەل ئۈستىدىن غالىپ كېلىمىز.»

شۇنىڭدىن كېيىنكى 25 يىللىق نىكاھ جەريانىدا بىر كۈن 24 سائەت، بىر ھەپتىدە 7 كۈن جېيىن خاۋكىڭغا قارايدۇ. ئۇنىڭ چاقىلىق ئورۇندۇقىنى ئىتتىرىپ، ھەممە جايدا ساياھەت قىلىدۇ، ئۈچ بالىسىنى قاتارغا قوشىدۇ، ئائىلىنىڭ بارلىق يۈكىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 25 يىل ۋاقىت ئىچىدە جېيىن خاۋكىڭنىڭ بىر ئاددىي ئوقۇغۇچىدىن «دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئالىم» غا ئايلانغۇچە بولغان ۋاقتىغا ھەمراھ بولىدۇ.

لېكىن ئادەمنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىدىغىنى خاۋكىڭ بىلەن جېيىننىڭ مۇھەببىتى گۈزەل چۆچەك كەبى بولمىغان.

ئۇلارنىڭ نىكاھى 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ قاتتىق بېسىمغا دۇچ كەلگەن. خاۋكىڭ ئەر-ئايال سەل بۇرۇن ئامېرىكىغا كۆچۈپ بارغان. ئۇ يەردە ئۇلار تۇنجى قېتىم تۇرالغۇ ۋە يېمەك-ئىچمەكتىن غەم قىلمايدىغان كۈنگە ئۇلاشقان.

ئۇلارنىڭ نىكاھىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە جېيىن بىلەن خاۋكىڭدا مەلۇم ئىشلار سەۋەبلىك بەزىبىر ئىختىلاپلار كۆرۈلگەن. كېيىن بۇ ئىختىلاپ بارغانچە ئېغىرلاشقان. ھەر قېتىم جېيىن شۇ مەسىلە ھەققىدە گەپ ئاچقاندا خاۋكىڭ مەسىخىرە تەلەپپۇزىدا گەپ قىلغان، بۇ تەرىپى جېيىننى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن، غورۇرىغا ئالغان.

خاۋكىڭنىڭ شۆھرىتىنىڭ يۇقىرىلىشىغا ئەگىشىپ خاۋكىڭنىڭ مىجەزى ئوساللىشىپ كەتكەن، ئۆزىنى مەركەز قىلىدىغان، غەلىتە، كىچىك بالا مىجەز بولۇپ قالغان، جېيىن خامۇشلۇق كېسلى بولۇپ قېلىپ، ئۆلۈۋېلىش ئويىغىمۇ كەلگەن.

خاۋكىڭنىڭ كېسىلى بارغانچە ئېغىرلاشقان، بۇ ئىش جېيىننىڭ يۈكىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرغان، يەنە كېلىپ خاۋكىڭ سىرتتىن كەلگەن بارلىق ياردەمنى رەت قىلغان. چوڭ ئوغلى روبېرىت 10 ياشقا كىرگەندىن باشلاپ دادىسىنىڭ ھارۋىسىنى ئىتتىرىپ، دادىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا  باشلىغان.

جېيىن ئەينى ۋاقىتتا زىيارەتنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېگەن: «بۇ مەن ئەڭ ئەپسۇسلىنىدىغان بىر ئىشى، مەن 10 ياشلىق ئوغلۇمدىن ياردەم تەلەپ قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم، گەرچە بالام ياردەم قىلىشقا ئامراق بولسىمۇ لېكىن بۇ 10 ياشلىق بالىغا مۇناسىپ كەلمەيدىغان ئىش ئىدى.»

ئائىلە يۈكىنىڭ بېسىمى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن جېيىن چېركاۋنىڭ خور ئۆمىكىگە قاتنىشىدۇ، شۇنداقلا چېركاۋنىڭ مۇزىكا دىرىژورى جوناسېن جونېس بىلەن تونۇشىدۇ. جونېس جېيىنغا ياردەملىشىپ خاۋكىڭغا قارىشىپ بېرىدۇ. ئىككەيلەن ئۇزۇن ۋاقىت بىللە يۈرۈپ ئوتتۇرىدا ھېسسىيات شەكىللىنىپ قالىدۇ.

خاۋكىڭ ئۇلۇغ بىر ئالىم بولۇش سۈپىتى بىلەن شۈبھىسىزكى، ئۆزىگە ئىشەنسە، ئۆزىدىن پەخىرلەنسە بولىدۇ. لېكىن خاۋكىڭنىڭ مىجەزىدىن قارىغاندا ئۇزۇن يىلدىن بۇيان مىننەتسىز ھالدا ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ كەلگەن ئايالىنىڭ تاپتىن چىقىشنى قوبۇل قىلىش ئەلۋەتتە ئوڭاي ئىش ئەمەس.

«نىكاھىمىز ۋەيران بولغاندا مەن ئۆزۈمنى تۈگەشكەندەك ئويلىدىم. يەردىن يوغان بىر ئۆڭكۈر ئېچىلىپ، مېنى يۇتىۋەتكەندەك ھېس قىلدىم.»

لېكىن ئەمەلىيەتتە ئىككەيلەننىڭ 90-يىللارنىڭ ئاخىرىدا ئايرىلىپ كېتىشى فىلىمدىكىدەك سەۋەب ئەمەس، 1990-يىلى خاۋكىڭ ئۆزىگە قاراۋاتقان ياش سېستىرا ئېلىننى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ، جېيىن بىلەن ئاجرىشىدۇ.

ئېلىن خاۋكىڭنىڭ تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئېلىشقا باشلىغاندىن كېيىن جېيىن ئاستا-ئاستا ئىشىكنىڭ سىرتىدا قالىدۇ.

جېيىن پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇلارنىڭ نىكاھىنى قۇتقۇزماقچى بولىدۇ، لېكىن ئۇ ئۈچىنچى شەخىس بىلەن بىر ئۆيدە تۇرۇۋېرىشكە كۆڭلى كۆتۈرمەيدۇ. بۇ نىكاھ ئەرزى بەش يىلغىچە داۋام قىلىدۇ.

1995-يىلى خاۋكىڭ بىلەن ئېلىن توي قىلىدۇ. ئىككى يىلدىن كېيىن جېيىن بىلەن جوناسېن توي قىلىدۇ.

خاۋكىڭ بىلەن ئىككىنچى ئايالى ئېلىننىڭ توي سۈرىتى

2004-يىلى ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خاۋكىڭ ئېلىننىڭ خورلىشىغا ئۇچرىغان، خاۋكىڭنىڭ بەدىنىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا يارا ئىزى بارلىقى، بىلىكىنىڭ سۇنغانلىقى، يۈزى ۋە ئېغىزلىرىدا چوڭقۇر يارا ئېغىزى بارلىقى ئاشكارىلانغان، لېكىن خاۋكىڭ ساقچىلارغا ماسلىشىپ تەكشۈرۈشكە ئۇنىمىغان.

2006-يىلى خاۋكىڭ بىلەن ئېلىن تۆۋەن ماقامدا ئاجراشقان، كېيىن جېين ۋە بالىلىرى بىلەن ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. خاۋكىڭنىڭ نەپەس يولى يۇقۇملىنىپ قالغاندا جېيىن قىزىنى ئەگەشتۈرۈپ بېرىپ ئۇنىڭغا قارىغان.

جېيىن بىلەن خاۋكىڭنىڭ مۇناسىۋىتى خېلى ياخشىلانغان، گەرچە بىللە ياشىمىغان بولسىمۇ لېكىن جېيىن خاۋكىڭنىڭ ھاياتىنىڭ بىر قىسمغا ئايلانغان.

شۇنداقلا بىر كۆزەينىكىنى سۈرتىۋاتقان ھەرىكىتى فىلىمدە ياش ۋاقتىدىمۇ ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدىمۇ بىر كۆرۈنىدۇ. 20 نەچچە يىللىق ئۇزۇنغا سوزۇلغان مۇھەببەت سەپىرىدە جېيىن خاۋكىڭ ئۈچۈن قۇربانلىق بەرگەن، ئۇنىڭغا ئىزچىل ھەمراھ بولغان.

خۇلاسىلىگەندە خاۋكىڭنىڭ نەتىجىلىرىنى ئۇنىڭ جېيىندەك بىر ئايالغا ئېرىشكەنلىكىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. خاۋكىڭ ئۆز نۆۋىتىدە مۇھەببەتتە تەلىيى كەلگەن بىر ئىنسان.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad

تەۋسىيە قىلغىنى

تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

تەۋسىيە ۋېدىئولار

ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • چەمبىرەك سودىگەرلىرى راستتىنلا ئېيىغا مىليون يۈەن كىرىم قىلالامدۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • كىچىك سەييارىلەرنىڭ يەر شارىغا سوقۇلۇش ئېھتىماللىقى زادى قانچىلىك؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئېلون ماسك توختىماي راكېتا قويۇپ بېرىپ دۇنيانىڭ تور سۈرئىتىنى تېزلەتمەكچى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015