ما يۈن: 2018-يىلى ئىنتېرنېت ئېلىمىزدە زور بىر تۈركۈم بايلارنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ

تەۋە تۈر : خەۋەر > تىخنىكا >       مەنبە : نۇر تورى      يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2018-03-16 20:08:36

سۇمرۇغ تورى تېخنىكا قانىلى 13-مارت خەۋىرى،:

مېنىڭ نەزىرىمدە مۇنداق ئۈچ خىل كىشى بار، تىجارەتچى: پۇلنى بارلىققا كەلتۈرگۈچىدۇر. سودىگەر: قىلىدىغاننى قىلىدۇ، قىلمايدىغاننى قىلمايدۇ. كارخانىچى: جەمئىيەت ئۈچۈن مەلۇم مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالىدۇ. كارخانىچىلار جەمئىيەت ئۈچۈن مۇھىت يارىتىشى كېرەك. ئۇلاردا جەزمەن يېڭىلىق يارىتىش روھى بولۇشى كېرەك. ئىگىلىك تىكلىگۈچىدە ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئىشەنچتۇر. ھەممە ئىشنىڭ مەنبەسى ئىشەنچتىن باشلىنىدۇ. ئىشەنچ بولغاندىلا ئاندىن ھەرىكەتكە كېلەلەيسىز. ئىشەنچ بولغاندىلا قىيىنچىلىقنى يېڭەلەيسىز. ئىشەنچ بولغاندىلا ئاندىن مۇۋەپپەقىيەتكە بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن يېقىنلىشالايسىز.

ئەگەر سىز ئىگىلىك تىكلەشتىلا ئىككىلەنسىڭىز، يېتەرلىك ئىشەنچىڭىز بولمىسا، ئۇنداقتا سىزنىڭ ھەرىكەت سۈرئىتىڭىز ناھايىتى ئاستا بولۇپ قالىدۇ. ھەرىكەت داۋامىدا قىيىنچىلىققا ئۇچراپلا قالسىڭىز، شۇ ھامان چېكىنىشنى تاللايسىز. چۈنكى قىيىنچىلىقنى يېڭىش ئۈچۈن يېتەرلىك ئىشەنچ بولۇشى كېرەك. شۇڭا ئىگىلىك تىكلىگۈچىدە ھازىرلاشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم نەرسە دەل ئىشەنچتۇر.

بىر نىيەتكە كېلىڭ، كۆز ئالدىڭىزدىكى ھەممە نەرسىدىن ۋاز كېچىڭ. ئۇلار سىزنى چۈشەپ قويىدىغان نەرسىگە ئايلىنىپ قالمىسۇن. ئىگىلىك تىكلىگۈچىگە نىسبەتەن ئەڭ قىيىن بولغان نەرسىمۇ بىر نىيەتكە كېلىش. چۈنكى تۇرمۇش ھەقىقەتەنمۇ نۇرغۇن نەرسىلەرنى باغلىۋالغان بولىدۇ. بەلكىم سىز مۇقىم خىزمەت قىلىشىڭىز، ئائىلىدىكىلەرنى بېقىشىڭىز كېرەكتۇ. بىراق ئىگىلىك تىكلەشنى تاللىغان ۋاقتىڭىزدا، ئىككىلىسىدىن قۇرۇق قېلىشىڭىز مۇمكىن.

رېئاللىقتا بۇنداق كىشىلەر ئازمۇ ئەمەس. سىزنىڭ ئىشەنچىڭىز ۋە نىيىتىڭىز بولغاندا، ناھايىتى تېزلا ئىگىلىك تىكلەش يولىغا كىرگەن بولىسىز. ئەمما ئاستا-ئاستا شۇنى بايقايسىزكى، بۇ يول ئىنتايىن غېرىپ. بۇ يول غېرىپلا بولۇپ قالماستىن، يەنە كۈتۈلمىگەندە ھۇجۇمغا ئۇچراپ قېلىشىڭىزمۇ مۇمكىن.

ما يۈن بىرىنچى قېتىم ئىنتېرنېت بىلەن ئۇچرىشىپ، تور بېكەتلەردە كۆپلىگەن چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ بارلىقىنى، بىرمۇ جۇڭگو شىركىتىنىڭ يوقلىقىنى بايقىغان ۋاقىتتا، دوستلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن خەيبونىڭ بېتىنى ياساپ تورغا چىقارغان. بىر كۈنگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئۇ گېرمانىيە، ئامېرىكا، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ئالتە پارچە ئېلخەتنى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، ھەممىسىدە بۇ تور بەت ئۇلار كۆرگەن تۇنجى جۇڭگو تور بېتى ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

شۇنىڭ بىلەن ما يۈن دۆلەتكە قايتىپ كېلىپلا خىزمەتتىن ئىستېپا بەردى. «جۇڭگو سېرىق بېتى 中国黄页 (تېلېفون دەپتىرى)» دەيدىغان نەرسىنى ياساپ چىقتى. بۇ جۇڭگونىڭ دەسلەپكى ۋاقتىدىكى ئىنتېرنېتنىڭ ئاساس نۇسخىسى ئىدى.

گەرچە كېيىن جۇڭگو سېرىق بېتى باشقىلارغا ئۆتكۈزۈلۈپ بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ما يۈن زور مىقداردىكى ئىگىلىك تىكلەش تەجرىبىسى ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت توپلىغان ئىدى. جۇڭگو سېرىق بېتى ئۆتكۈزۈۋېتىلگەندىن كېيىنلا ما يۈن تاشقى سودا مىنىستىرلىكىنىڭ تەكلىپنامىسىنى تاپشۇرۇۋالدى. ئەينى ۋاقىتتا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى جۇڭگو خەلقئارا ئېلىكترونلۇق سودا مەركىزىگە ئىككى مىليون مەبلەغ سېلىپ، ما يۈن ۋە ئۇنىڭ گۇرۇپپىسىدىكىلەرنى جۇڭگو ئېلىكترونلۇق سودا سىستېمىسى قۇرۇپ چىقىشقا ۋە ئۇلار مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن كېيىن %30 پاينى بېرىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن.

ما يۈننىڭ ۋەزىپىسى جۇڭگو ئېلىكترونلۇق سودا مەركىزىنىڭ باش دېرىكتورى ئىدى. ئۇ دېگەن دۆلەت دەرىجىلىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە تاشقى سودا مىنىستىرلىكى تۇرسا! ما يۈن كۆرۈپ تۇرغىنى مەملىكەت مىقياسىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق، ئەڭ مۇكەممەل نەرسە، ئۇ بىلگەن ئۇچۇر دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئەڭ تەخىرسىز مەسىلە، ئۇ ئۇچراشقان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى سىياسەت بېكىتكۈچىلەر ئىدى. دەل شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭدا B2B نىڭ پىكىر يولى شەكىللەنگەن بولۇپ، بۇ باشقا ئادەملەردە قەتئىي بولمىغان بايلىق، ھەقىقىي يۇقىرى پەللە ئىدى.

ما يۈن ۋە ئۇنىڭ گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئايلىقى نەچچە مىڭ يۈەنلىك مائاش بىلەن كېچەيۇ-كۈندۈز 15 ئاي تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، توردىكى جۇڭگو سودا بازىرىنىڭ ساپ پايدىسىنى ئىككى مىليون 870 مىڭ يۈەنگە چىقاردى، كېيىن مۇشۇنداق خۇشاللىنىشقا تېگىشلىك ئىش بولغان بولسىمۇ، لېكىن پاي چېكىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى مەسىلىسىدە مەسىلە كۆرۈلۈپ، تۈزۈلمىدە ما يۈن ۋە ئۇنىڭ گۇرۇپپىسىدىكىلەرگە بېرىدىغان %30 پاينى بېرىشكە ئامالسىز قالدى. شۇنىڭ بىلەن ما يۈن يەنە بىر زور قارار چىقاردى: جۇڭگو خەلقئارا ئېلىكترونلۇق سودا مەركىزىدىن چېكىنىپ چىقىپ، خاڭجۇغا قايتىپ ھەممىنى نۆلدىن باشلاپ ئەلى بابانى قۇرۇپ چىقتى.

بەزى ۋاقىتلاردا كۆز قارىشىمىز خېرىدارلار ياكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمەيدۇ، ھەتتا بەزى كىشىلەر ماقالە يېزىپ سىزنى ئالدامچى دېيىشى مۇمكىن. ئەڭ ئېغىر بولغىنى سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەر، ئەڭ يېقىن ئادەملىرىڭىز سىزدىن گۇمانلىنىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەت سىزگىلا ئايدىڭ. سىز ئۆزىڭىزنىڭ نېمىش قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى، خىيالىڭىزنىڭ توغىرىلىقىنى، چىدىسىڭىزلا غەلبە قىلالايدىغانلىقىڭىزنى بىلىسىز. بۇ ۋاقىتتا سىز بىر تەمكىن قەلىبكە ئېھتىياجلىق. بۈگۈنكى ئەلى بابا ئاللىقاچان ئاددىي شىركەت ئۇقۇمىدىن ھالقىپ كەتتى. ئۇ بىر ئىقتىسادىي گەۋدىگە يەنى يېڭى تىپتىكى ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلاندى.

بۈگۈنكى ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئىنتېرنېتتا بارلىققا كېلىدۇ. ئىنتېرنېت تورى بۇ يىل جۇڭگودا نۇرغۇنلىغان يېڭى بايلارنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. قاراڭ: 18 يىل بۇرۇن بىزنىڭ كۆرگىنىمىز پۇرسەت ئىدى، 18 يىل كېيىن كۆرگىنىمىز غايەت زور رىقابەت بولدى. ئىزچىل مېنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقىنى مۇھىت، نامراتلىق، كېسەللىك، ئادالەتسىزلىك مەسىلىسى. بۈگۈنكى كۈندە ئەلى بابا 50 مىڭدىن كۆپرەك خىزمەتچىگە، 25 مىڭ ئىنژېنىر ۋە ئالىملارغا ئىگە، كۈچلۈك تېخنىكا ئىقتىدارى، غايەت زور تېخنىكا مەنبەسى بولغان، خېرىدارلارغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان چوڭ تىپتىكى شىركەتكە ئايلاندى. كەلگۈسى مەسىلىلەرگە يۈزلىنىپ، نېمە قىلىشىم كېرەك دېگەن مەسىلە ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىشىمىز كېرەك. چۈنكى بىزدە باشقىلار يوق نەرسە بار. ئۇ بايلىقلا بولۇپ قالماستىن، يەنە مەسئۇلىيەتتۇر.

كۆپلىگەن ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ باشقىلار بىلەن مەسلىھەتلىشىدىغان ئادىتى بار، ھەتتا خىزمەتچىلىرى بىلەنمۇ مەسلىھەتلىشىدۇ. بۇ خىل ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئاساسىي جەھەتتىن مەغلۇب بولىدۇ. خىزمەتچى شۇ سەۋەبتىن خىزمەتچىكى، ئۇلار خىزمەتكە جان تىكمەيدۇ، كاللىسى دېگەندەك سەگەك ئەمەس، بەزى ھەرىكەتسىز خىياللارنى ئويلايدۇ. سىز شۇ سەۋەبتىن ئىگىلىك تىكلىگۈچىكى، كاللىڭىز خىزمەتچىلىرىڭىزنىڭ كاللىسىدىن سەگەكرەك، خىزمەتتە ئۇلاردىن بەكرەك جان تىكىسىز، قانداق پۇل تېپىشنى بىلىسىز. ئىگىلىك تىكلىگۈچىنىڭ شەنبە-يەكشەنبىسى يوق. ھەرۋاقىت قانداق پۇل تېپىش ئۈستىدە پىكىردىسىز. ھالبۇكى خىزمەتچىلىرىڭىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇلارنى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەڭلار دېسىڭىز، ئۇلاردىن جېنىنى تەلەپ قىلغاندەك سىزگە قارىشىدۇ. ئادەتتىكى ئادەملەر قىلالمىغان ئىشلارنى، نېمىشقا سىز قىلالايسىز؟ چۈنكى سىز ئىگىلىك تىكلىگۈچى. مەسئۇلىيەتچان، ئۆزىگە ئىشەنچى بار، ئەڭ مۇھىمى باتۇرلارچە ئالغا ئىنتىلەلەيدىغان كۈچلۈك ئىرادىگە ئىگە كىشىسىز.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad

تەۋسىيە قىلغىنى

تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

تەۋسىيە ۋېدىئولار

ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • چەمبىرەك سودىگەرلىرى راستتىنلا ئېيىغا مىليون يۈەن كىرىم قىلالامدۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • كىچىك سەييارىلەرنىڭ يەر شارىغا سوقۇلۇش ئېھتىماللىقى زادى قانچىلىك؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئېلون ماسك توختىماي راكېتا قويۇپ بېرىپ دۇنيانىڭ تور سۈرئىتىنى تېزلەتمەكچى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015