خاۋكىڭنىڭ ئەڭ مەشھۇر ھېكمەتلىك سۆزلىرى

تەۋە تۈر : خەۋەر > تىخنىكا >       مەنبە : نۇر تورى      يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2018-03-14 22:28:03

▲ بىز پەقەت مايمۇندىن ئازراقلا ئىلغار بىر جانلىق، ناھايىتى ئادەتتىكىچە كىچىككىنە بىر پىلانېتتا ياشايمىز. ئەمما بىزدە كائىناتنى چۈشىنەلىگۈدەك ئەقىل بار، مانا بۇ بىزنى ئالەمدىكى ئەڭ ئالاھىدە جانلىققا ئايلاندۇردى.

▲ ئىلىمنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى ساۋاتسىزلىق، قارا قورساقلىق ئەمەس بەلكى ساختا ئىلىم.

▲ ئەقىل ئۆزگىرىشلەرگە ماسلىشىش ئىقتىدارىدۇر.

▲ مېنىڭ نىشانىم ناھايىتى ئاددى، يەنى ئالەمنى پۈتۈنلەي چۈشىنىش: ئۇ نېمىشقا مۇنداق، ئۇ زادى نېمىشقا مەۋجۇت...

▲ ئىنسانىيەت ئەڭ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە سۆزلەپ ئېرىشكەن، ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيەتلىرىگە سۈكۈت سەۋەبچى بولغان.

▲ مېيىپلىقىم كەسپىمگە پۇتلىكاشاڭ بولالمايدۇ، چۈنكى مېنىڭ كەسپىم نەزەرىيە فىزىكىسى. ئەكسىچە مېيىپلىق مېنى لېكسىيە سۆزلەش، يىغىنغا قاتنىشىش دېگەندەك ئىشلاردىن ئازاد قىلىپ نۇرغۇن ۋاقتىمنى تېجەپ بەردى.

▲ مەن ماڭالمايمەن، سۆزلىسەممۇ كومپىيۇتېر ئارقىلىق سۆزلەيمەن، ئەمما مەن ئۆز كاللامدا ھەممىڭلاردىن ئەركىن.

▲ بىرىنچى، بېشىڭنى كۆتۈرۈپ يۇلتۇزلارغا قارا، ئايىغىڭنىڭ ئاستىغىلا قارىۋالما؛ ئىككىنچى، خىزمەتتىن ھەرگىز توختىما. خىزمەت ھاياتقا مەنە قاتىدۇ، ئۇنىڭسىز ھايات ھېچنېمە ئەمەس؛ ئۈچىنچى، ئەگەر تەلىيىڭ كېلىپ ھەقىقىي مۇھەببەتنى ئۇچراتساڭ چوقۇم قەدىرلە، چۈنكى ئۇ قايتا كەلمەيدۇ.

▲ بۈگۈنكى ئادەملەرنىڭ فىزىكا، ئالەم بوشلۇقى، كائىنات، مەۋجۇتلۇق پەلسەپەسى، ياشاشنىڭ ماھىيىتى قاتارلىق ئىشلارغا قىلچە قىزىقماس بولۇپ قالغانلىقىدىن ھەيرانمەن. ئەڭ ھورۇن بىر دۇنيادا ياشاۋاتىمىز.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad

تەۋسىيە قىلغىنى

تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

تەۋسىيە ۋېدىئولار

ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • چەمبىرەك سودىگەرلىرى راستتىنلا ئېيىغا مىليون يۈەن كىرىم قىلالامدۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • كىچىك سەييارىلەرنىڭ يەر شارىغا سوقۇلۇش ئېھتىماللىقى زادى قانچىلىك؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئېلون ماسك توختىماي راكېتا قويۇپ بېرىپ دۇنيانىڭ تور سۈرئىتىنى تېزلەتمەكچى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015