تور سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىش ئاممىغا قانداق نەپ ئېلىپ كېلىدۇ؟

تەۋە تۈر : خەۋەر > تىخنىكا >       مەنبە : uy.ts.cn      يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2018-03-07 21:28:51

ماتېرىيال سۈرەت

 

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3-ئاينىڭ 6-كۈنى تېلېگراممىسى. تور ئېقىمى كەزمە ھەققىنى بىكار قىلىش تەدبىرى قاچان ئەمەلىيلىشىدۇ؟ تور سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش ئاممىغا قانداق نەپ ئېلىپ كېلىدۇ؟ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى چېن جاۋشيۇڭنى مەخسۇس زىيارەت قىلدى.
    مۇخبىر: بۇ يىل ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا تور سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سالمىقى ئاشۇرۇلىدىغانلىقى، ئېقىم مىقدارى كەزمە ھەققىنىڭ بىكار قىلىنىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. سىزدىن سوراپ باقسام، بۇ تەدبىر قاچاندىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ؟
    چېن جاۋشيۇڭ: بىز ئاساسىي تېلېگراف كارخانىلىرىنىڭ يۈرۈشلۈك كەسىپلەرنى رەتلەش ۋە تەڭشەش، سىستېمىنى ئېچىش ۋە ياخشىلاش، سىناق قىلىش ۋە كەسىپنى دەلىللەش قاتارلىق خىزمەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئابۇنىچىلارنىڭ 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ بۇ نەپتىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.
    مۇخبىر: مەملىكەت بويىچە تەڭ قەدەمدە يولغا قويۇلامدۇ؟
    چېن جاۋشيۇڭ: ھازىرقى تۈپ مەسىلە مەملىكەت مىقياسىدا بىر تۇتاش ھەق ئېلىش ئۆلچىمى، بىر تۇتاش يۈرۈشلۈك كەسىپ تۈزۈمىنى يولغا قويۇش. بۇ ئەلۋەتتە مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش يولغا قويۇلىدۇ.
    مۇخبىر: ئېقىم مىقدارى كەزمە ھەققىنى بىكار قىلىش ھەققىدىكى سادالار خېلى كۈچلۈك، بۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلىۋاتقىنىغىمۇ خېلى بولدى. ئۇنداقتا بۇ يەردىكى قىيىن نۇقتا زادى نەدە؟
    چېن جاۋشيۇڭ: ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىق ئىككى جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ. بىرىنچىدىن، كارخانا تىجارىتى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، كەسىپ تىپىنى ئۆزگەرتىش مەسىلىسى بار. ئېقىم مىقدارى كەزمە ھەققى بىكار قىلىنسا، كارخانىنىڭ كىرىمىمۇ ئازلايدۇ، شۇڭا يېڭى كەسىپ بىلەن بۇ جەھەتتىكى تۆۋەنلەشنى تولۇقلاش كېرەك. بۇنىڭغا جەريان كېتىدۇ. ئىككىنچىدىن، تېخنىكا نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، يۈرۈشلۈك كەسىپنى تەڭشەش، ھەق تۇتۇش يۇمشاق دېتالىنىڭ فۇنكىسىيەسىنى تەڭشەشكە بەلگىلىك ۋاقىت كېتىدۇ.
    مۇخبىر: كەڭ ئابۇنىچىلارغا بولۇپمۇ يېزا ۋە چەت-ياقا رايوندىكىلەرگە قانداق نەپ ئېلىپ كېلىنىدۇ؟
    چېن جاۋشيۇڭ: تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتتىكى خىزمەتلەر بار: بىرىنچى، 130 مىڭ مەمۇرىي كەنتكە ئوپتىك تالا ياتقۇزۇش ۋەزىپسى ۋاقىت، سۈپەت ۋە مىقدارىغا كاپالەتلىك قىلغان ھالدا تاماملىنىدۇ. ئىككىنچى، مۇلازىمەت ئارقىلىق تولۇقلاش مېخانىزمى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ ۋە ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، ئاساسىي تېلېگراف كارخانىلىرىنىڭ 4G تورىنى يېزا ۋە چەت-ياقا جايلارغىچە كەڭ كۆلەمدە ئورۇنلاشتۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىنىدۇ. ئۈچىنچىدىن، بۆلۈملەر ئارا ماسلىشىش تېخىمۇ كۈچەيتىلىپ، يېزىلاردا كەڭ بەلباغلىق تور ئىشلىتىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچ قوشۇلىدۇ.

 

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad

تەۋسىيە قىلغىنى

تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

تەۋسىيە ۋېدىئولار

ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • چەمبىرەك سودىگەرلىرى راستتىنلا ئېيىغا مىليون يۈەن كىرىم قىلالامدۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • كىچىك سەييارىلەرنىڭ يەر شارىغا سوقۇلۇش ئېھتىماللىقى زادى قانچىلىك؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئېلون ماسك توختىماي راكېتا قويۇپ بېرىپ دۇنيانىڭ تور سۈرئىتىنى تېزلەتمەكچى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015