دائىم ئۇيقۇڭىز قاچامدۇ؟ ئۇنداقتا بۇ ئۇسۇللارنى قوللىنىپ بېقىڭ

تەۋە تۈر : تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق > ئۇنۋىرسال >       مەنبە : تور دۇنياسى      يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2018-06-25 00:18:27

ساغلاملىق سالونى خەۋىرى :

ھەركۈنى كەچتە كەينى-كەينىدىن قوي ساناپ ئۇخلىيالماي قىينىلامسىز؟ ئۇنداقتا ئەستايىدىللىق بىلەن تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئوقۇڭ.

ئۇيقۇنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزىنى ئەركىن قويىۋېتىش مەشىقى قىلىش لازىم، ئۆزىنى ئەركىن قويىۋېتىش مەشىقى ئۇيقىسى ياخشى بولمىغان، دائىم تەشۋىشلىنىدىغان، جىددىيلىشىدىغان كىشىلەرنىڭ مەشىق قىلىشىغا ئىنتايىن ماس كېلىدىغان بولۇپ، تەننى ئەركىنلەشتۈرۈش ۋە روھنى ئەركىنلەشتۈرۈش دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ.

بەدەننى ئەركىنلەشتۈرۈشنىڭ قەدەم باسقۇچىلىرى تۆۋەندىكىچە :

1. تەييارلىق باسقۇچى: تىنىچ، راھەت بولغان ئۆي ئىچى مۇھىتى تەييارلاش، بەدەننى غىدىقلايدىغان نەرسىلەرنى ئۆزىدىن يىراقلاشتۇرۇش (تار ئىشتاننى سېلىۋېتىش، قول سائىتىنى ئېلىۋېتىش دېگەندەك)، راھەت بولغان قىياپەتنى ھازىرلاش.

2. چوڭقۇر تىنىق مەشىقى: تىنىچ ھەم تەرتىپلىك ھالدا نەپەسلىنىش، نەپەسلەنگەن ۋاقىتتا ماس ھالدا كۆكرەك، قورساق قىسمىنى تارتىپ-چىقىرىش.

3. مۇسكۇللارنى پۈتۈنلەي ئەركىن قويىۋېتىش: بەدەننىڭ ئوخشاش بولمىغان ئۇرۇنلىرىدىكى مۇسكۇللارنى يىغىش-قويىۋېتىشنى تەرتىپى بويىچە مەشىق قىلىش، پۈتۈن بەدەننى ئەركىن قويىۋېتىش.

مۇسكۇللارنى پۈتۈنلەي ئەركىن قويىۋېتىش مەشىقى: ئىككى ئالقاننى چىڭ يۇمۇپ بەل ئارىلىقىغا قويۇش، پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇشتەكنى تۈگۈپ 10 سېكۇنت تۇرۇش، ئەركىن قويىۋېتىش يەنە تۈگۈش ھەرىكىتىنى كەينى-كەينىدىن مەشىق قىلىش، مەشىق جەريانىدىكى ھېس تۇيقۇغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش، كاسسا قىسمىنى چىڭ قىسىپ 10 سېكۇنت تۇرۇش، ئارقىدىنلا ئەركىن قويىۋېتىش، شۇ تەرىقىدە كۆپ قېتىم تەكرار مەشىق قىلىش كېرەك.

پېشانە مۇسكۇللىرىنى چىڭىتىش مەشىقى: قوشۇمىسىنى كۈچەپ تۈرۈش، 10 سېكۇنت داۋاملاشتۇرۇپ ئەركىن قويىۋېتىش، يەنە بىر قېتىم تەكرارلاش. بۇرۇن ۋە يۈز قىسمىدىكى مۇسكۇللارنى چىڭىتىش، خۇددى توشقاننىڭ بۇرنىدەك تۈرۈپ 10 سېكۇنت تۇرۇش، ئارقىدىن ئەركىن قويىۋېتىش.

باش قىسمىدىكى مۇسكۇللارنى ئارام ئالدۇرۇش مەشىقى: باشنى كەينىگە تارتىپ تۇرۇپ گەدەن قىسىمدىكى مۇسكۇللارنى تارتىپ چىڭىتىش، 10 سېكۇنت تۇرغۇزۇپ ئەركىن قويىۋېتىش، ئۇمۇرتقىدىكى راھەت تۇيغۇنى ئارقا مېڭىگە يەتكۈزۈش، ئارقىدىنلا باشنى ئوڭ مۈرىگە تەگكۈزۈش، 10 سېكۇنت شۇ قىياپەتتە تۇرغۇزغاندىن كېيىن ئەركىن قويىۋېتىش، ئارقىدىنلا باشنى سول تەرەپكە يانتۇ قىلىپ سول مۈرىگە تەككۈزگەندىن كېيىن ئەركىن قويىۋېتىش، مەشىق قىلىش جەريانىدا پۈتۈن بەدەننىڭ راھەت ھېس قىلىشىنى ئاساس قىلىش لازىم.

مۈرە قىسمىدىكى مۇسكۇللارنى ئارام ئالدۇرۇش مەشىقى: مۈرىنى يۇقىرىغا كۆتۈرۈش، ئامال بار قۇلاققا يەتكۈزۈپ 10 سېكۇنت تۇرغۇزۇپ ئەركىن قويىۋېتىش، مۈرىنى كەينىگە تارتىپ مۇسكۇللارنى يىغىپ 10 سېكۇنت تۇرغۇزۇپ ئەركىن قويىۋېتىش. ئىككى مۈرىنى ئالدىغا تاشلاپ تىگىشتۈرۈپ 10 سېكۇنت تۇرغۇزۇپ ئەركىن قويىۋېتىش، يەنە بىر قېتىم تەكرارلاش، نەپەس ئېلىش جەريانىدكى راھەت تۇيغۇسىنى ھېس قىلىش، ئاشقازان ئەتراپىدىكى مۇسكۇللارنى يىغىش ھەم كۆكرەكنى پەسلىتىش، 10 سېكۇنت داۋاملاشتۇرغاندىن كېيىن ئەركىن قويىۋېتىش، كاسسىنىڭ ئىككى تەرىپىنى چىڭ قىسىپ 10 سېكۇنت تۇرغۇزغاندىن كېيىن ئەركىن قويىۋېتىش، ئىككى تىزنى چىڭ يىغىپ 20 سېكۇنىتتىن كېيىن قويىۋېتىش، پۈتۈن كۈچ بىلەن پۇتنىڭ بارماقلىرىنى يىغىش، كىچىك پۇتنىڭ مۇسكۇللىرىنى يىغىپ 10 سېكۇنت تۇرغۇزغاندىن كېيىن ئەركىن قويىۋېتىش، پۈتۈن بەدەننىڭ يېنىكلەشكەنلىكىنى ھېس قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا تىنىچ نەپەس ئېلىپ يۇقاردىكى ھەرىكەتلەرنى ئىشلەش لازىم.

روھنى ئەركىن قويىۋېتىش ئۇسۇلى: تەسەۋۇر ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كۆڭلىدىكى ئەڭ راھەت، ئەڭ بىخەتەر بولغان مۇھىتنى ئويلاش، بۇ مۇھىت ئەمەلىيەتتە بار بولسىمۇ ۋە ياكى تەسەۋۋۇرغا ئاساسەن ئويدۇرۇپ چىقىلغان بولسىمۇ بولىدۇ، مەسىلەن دېڭىز بويىنى خىيالىمىزغا كەلتۈرگەن بولساق كەڭرى كەتكەن ئاسمان بىلەن پايانسىز دېڭىز يۈزى بىرىكىپ شۇنداق گۈزەل مەنزىرىنى ھاسىل قىلغان، كەڭ كەتكەن دېڭىز بويىدا قۇياشنىڭ ئىللىق نۇرى بىلەن ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ ئولتۇردىڭىز....... يۇقاردىكىدەك گۈزەل مەنزىرىلەرنى، گۈزەل شەيئىلەرنى خىيال قىلىش ئارقىلىق روھنى بوشىتىش، ئارام ئالدۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

 


تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • مۇنداق ئاياللار لەۋ سۇرۇخ سۈرۈشكە ماس كەلمەيدۇ
  • ئەر-خوتۇن ماي تارتىشىپ قالغاندا قانداق قىلىشى كېرەك؟
  • قان ئازلىق ئاياللاردا تۇغماسلىقنى پەيدا قىلامدۇ؟
  • بالىڭىزنى قانداق ماختايسىز؟
  • ئاياللار سالامەتلىك تەكشۈرۈش تۈرلىرىنى قانداق تاللىشى كېرەك؟
  • ئادەم بەدىنىدىن نېمە ئۈچۈن ھەر خىل خىل پۇراقلار ھاسىل بولىدۇ؟
  • بۇ تۆت خىل ئايال بىلەن توي قىلغان ئەرلەرنى بىر ئۆمۈر نەس باسىدۇ
  • قېنىڭىزدا كالىي مىقدارى تۆۋەنلەپ كەتسە مۇنداق قىلىڭ
  • دائىم قىزىل چاي ئىچىپ بېرىشنىڭ بەش تۈرلۈك پايدىسى
  • تاماكا چېكىش ئۆپكە راكىنىڭ بىردىنبىر سەۋەبىمۇ
  • ئەرلەر كەلگۈسى 50 يىلدا بالىلىق بولۇش ئىقتىدارىدىن قېلىشى مۇمكىن
  • بىر سائەت پىيادە مېڭىشنىڭ قانچىلىك پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟
  • مۇھەببەتنىڭ قىزغىن داۋاملىشىش ۋاقتى ئىككى يىل بولىدۇ
  • ئالتە خىل «مودا» ياشاش ئۇسۇلى ساغلاملىقىڭىزنى نابۇت قىلىۋېتىدۇ
  • ئاياللاردا بۆرەك ئاجىز بولسا تۆۋەندىكىدەك ئىپادىلەر بولىدۇ
  • ئەتىگىنى ئويغىنىپلا جىددىي ئورنىڭىزدىن تۇرماڭ
  • ئاياللار تۇرمۇشتا چوقۇم «ئۆزگىرىشى» كېرەك
  • بىر كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قېلىشنىڭ ئىلمىي ئاساسلىرى
  • ئەڭ يىڭى يوللانغىنى

  • يۈزدىكى بەش ئەزاغا قاراپ ئىچكى ئەزالارنىڭ ساغلاملىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدىكەن

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • بەختلىك ئەر-ئايال مۇنداق قىلىدۇ...

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • قىزلارنىڭ 19 ياش ۋاقتى بىلەن 29 ياش ۋاقتىدىكى پەرق

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • دائىم ئۇيقۇڭىز قاچامدۇ؟ ئۇنداقتا بۇ ئۇسۇللارنى قوللىنىپ بېقىڭ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ھەيز مەزگىلىدە ئوپېراتسىيە قىلدۇرسا بولامدۇ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللار قانچە يېشىدا توي قىلىشقا ئەڭ ئالدىرايدۇ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئەقىللىق ئاياللارنىڭ مۇنداق توققۇز ئالاھىدىلىكى بولىدىكەن

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • «تۇرمۇش ئىناۋەتلىك كارتىسى» غا سەمىمىي بولالىدىڭىزمۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • يېڭى ھامىلدار بولۇپ بويىدىن ئاجراپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلارغا تەۋسىيە

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئۆيلىنىپ بولغان ئادەمنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندا ئۆزىڭىزدىن بۇ سوئاللارنى سوراڭ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ياز ۋاقتىدا ئورۇقلاشقا ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان ھەرىكەتلەر

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللارنىڭ بەكرەك كۈتۈنۈشكە تېگىشلىك بولغان ئۈچ خىل مەزگىلى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئەڭ ياخشى يازلىق مېۋىلەر رەت تەرتىپى ئېلان قىلىندى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • تاماقتىن كېيىنلا بۇ 10 ئىشنى قىلىش ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغانغا باراۋەر

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • كۆزنى يۇمۇپ 10 مىنۇت ئارام ئالدۇرۇشنىڭ پايدىسى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • باشلان خەۋەرلىرى

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ئاۋات ساغلاملىق بىلىملىرى

    باشلان تەۋسىيە قىلغىنى

    باشلان تورى تەۋسىيە خەۋىرى
  • داچىدا تۇرۇپ ئايدا 10 مىڭ يۈەن مائاش ئالىدىغان بىۋاستە تارقاتقۇچىلار

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بىل گەيتىس: ئىلگىرى كەينىگە سۆرەش كېسىلىم بەك ئېغىر ئىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بەزمىخانىدا ئۇسسۇل ئوينىغان ئېسىلزادە 22 كاراتلىق ئالماس ئۈزۈكىنى يۈتتۈرۈپ قويدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • «يانفون خۇمارى»نىڭ توققۇز تۈرلۈك ئىپادىسى: سىزدە قانچىسى بار؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئۈرۈمچىدە باشقا جايدىكىلەرنىڭ كىملىكىنى چۈشلۈك دەم ئېلىشتىمۇ بېجىرگىلى بولىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • خاۋكىڭ مۇھەببەتتە تولىمۇ تەلىيى كەلگەن بىر ئىنسان

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ما يۈن: 2018-يىلى ئىنتېرنېت ئېلىمىزدە زور بىر تۈركۈم بايلارنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • خاۋكىڭنىڭ ئەڭ مەشھۇر ھېكمەتلىك سۆزلىرى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • تور سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىش ئاممىغا قانداق نەپ ئېلىپ كېلىدۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015