ياز ۋاقتىدا ئورۇقلاشقا ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان ھەرىكەتلەر

تەۋە تۈر : تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق > تۇرمۇش >       مەنبە : تور دۇنياسى      يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2018-06-11 21:56:20

تېڭشۈن تورى خەۋىرى :

ھاۋا كۈندىن-كۈنگە ئىسسىشقا باشلىدى، ئىسسىق مۇھىتتا ئادەم بەدىنىدىكى ماددا ئالمىشىشمۇ تېزلىشىپ بارىدۇ، شۇڭلاشقا ياز پەسلى ئورۇقلاشقا ئىنتايىن مۇۋاپىق پەسىل، ئۇنداقتا قايسى ھەرىكەتلەرنى قىلغاندا بەدەندىكى ماينى ئۈنۈملۈك ئازايتقىلى بولىدۇ؟

ياز پەسلىگە ئەڭ ماس كېلىدىغان ئورۇقلاش ھەرىكەتلىرى تۆۋەندىكىچە :

1. ئارغامچا ئاتلاش

ئارغامچا ئاتلاش جىق ۋاقىت سەرپ قىلمايدىغان، ئورۇقلاش ئۈنۈمى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان ھەرىكەت، 10 مىنۇت ئارغامچا سەكرەش 30 مىنۇت ئاستا يۈگۈرگەنگە باراۋەر. پەقەت ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان بىر تال ئارغامچا، تەنتەربىيە ئايىغى تەييارلىسىڭىزلا، ھەرقانداق جايدا ھەرقانداق ۋاقىتتا ئارغامچا ئاتلاپ ئورۇقلاش مەقسىتىگە يېتەلەيسىز.

توغرا بولغان ئارغامچا ئاتلاش ئۇسۇلى: سەكرىگەن ۋاقىتتا ئىككى پۇتنىڭ تولۇق ئىگىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ سۈركىلىش كۈچىنى ئازايتىش كېرەك، ئىككى پۇتىنى بەك ئېگىز كۆتۈرۈۋالماسلىق، پەقەت ئارغامچا ئۆتۈشكە ئىمكانىيەت بولسىلا مۇۋاپىق، ئىككى قولنى بەك كۈچەپ ئايلاندۇرماسلىق، ھەر قېتىم ئارغامچا سەكرەش ۋاقتى 15 مىنۇت بولۇش، پۈتۈن ئارغامچا سەكرەشنى بىر نەچچە بۆلەككە بۆلۈپ تاماملاش، بۆلەك سانى ۋە ئارغامچا سەكرەش ۋاقتىنى ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بەدەن ساپاسىغا قاراپ بېكىتىش لازىم.

2. سۇ ئۈزۈش

ياز ۋاقتىدا سۇ ئۈزۈش ئىنتايىن ئالقىشلىنىدىغان ھەرىكەت، سۇ ئۈزۈش ئارقىلىق ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولۇپما قالماستىن تېخى ئۈنۈملۈك ھالدا ئورۇقلىغىلى بولىدۇ. سۈ ئۈزۈشنىڭ ئەركىن سۇ ئۈزۈش، پاقىچە سۇ ئۈزۈش قاتارلىق نۇرغۇن شەكىللىرى بار، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بەدەندىكى ئېنىرگىيەنى خورىتىدىغان سۇ ئۈزۈش ھەرىكەتلىرى، سۇ ئۈزۈش ئارقىلىق بەدەن شەكلىنى تۈزەپلا قالماستىن ئۆپكىنىڭ سېغىمچانلىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ھەر قېتىملىق سۇ ئۈزۈش ۋاقتى 60~40 مىنۇتقىچە بولسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ، بۇ مىقداردىكى چېنىقىش ئۈنۈملۈك بەدەن چېنىقتۇرۇش بولۇپلا قالماستىن ئادەمنى ھاردۇرۇپ قويمايدۇ.

3. ئورنىدا تۇرۇپ ئېگىزگە سەكرەش

دائىم سەكرەيدىغان كىشىلەر ئېگىزگە سەكرەشنىڭ ئۈنۈمىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، سەكرەش ئارقىلىق بەدەندىكى مايلارنى ئازايتىپلا قالماستىن بەدەننى ئىسسىتىش مەقسىتىگىمۇ يەتكىلى بولىدۇ. ئېگىزگە سەكرەش ئوكسىگىنلىق ھەرىكەت ۋە ئوكسىگىنسىز ھەرىكەتنىڭ بىرىكمىسى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ھەرىكەت ئورۇن تەلەپ قىلمايدۇ، ھويلىدا، مېھمانخانىدا ھەر قانداق جايدا سەكرەشكە بولىدۇ.

توغرا بولغان سەكرەش ئۇسۇلى: تەبىئىي ئۆرە تۇرۇش، ئىككى قولنى ئىككى تەرەپكە سېلىپ تەبىئىي تۇرۇش، سەكرىگەن ۋاقىتتا ئىككى قولنى بېشىدىن ئاشۇرۇپ چاۋاك چېلىش، چاۋاك چېلىپ بولغاندىن كېيىن قولنى ئەسلىدىكى ئورنىغا قايتۇرۇپ ئۆرە تۇرۇش، بۇ ھەرىكەتنى ھەر بىر مىنۇتتا بىر قېتىم قىلىش، جەمئىي 10 گۇرۇپپا قىلىش، 10 گۇرۇپپا قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئارام ئېلىش لازىم.

يۇقارقى ئۈچ خىل ھەرىكەتتىن قايسىسىنى بەكرەك ياقتۇرىدىكەنسىز؟

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • مۇنداق ئاياللار لەۋ سۇرۇخ سۈرۈشكە ماس كەلمەيدۇ
  • ئەر-خوتۇن ماي تارتىشىپ قالغاندا قانداق قىلىشى كېرەك؟
  • قان ئازلىق ئاياللاردا تۇغماسلىقنى پەيدا قىلامدۇ؟
  • بالىڭىزنى قانداق ماختايسىز؟
  • ئاياللار سالامەتلىك تەكشۈرۈش تۈرلىرىنى قانداق تاللىشى كېرەك؟
  • ئادەم بەدىنىدىن نېمە ئۈچۈن ھەر خىل خىل پۇراقلار ھاسىل بولىدۇ؟
  • بۇ تۆت خىل ئايال بىلەن توي قىلغان ئەرلەرنى بىر ئۆمۈر نەس باسىدۇ
  • قېنىڭىزدا كالىي مىقدارى تۆۋەنلەپ كەتسە مۇنداق قىلىڭ
  • دائىم قىزىل چاي ئىچىپ بېرىشنىڭ بەش تۈرلۈك پايدىسى
  • تاماكا چېكىش ئۆپكە راكىنىڭ بىردىنبىر سەۋەبىمۇ
  • ئەرلەر كەلگۈسى 50 يىلدا بالىلىق بولۇش ئىقتىدارىدىن قېلىشى مۇمكىن
  • بىر سائەت پىيادە مېڭىشنىڭ قانچىلىك پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟
  • مۇھەببەتنىڭ قىزغىن داۋاملىشىش ۋاقتى ئىككى يىل بولىدۇ
  • ئالتە خىل «مودا» ياشاش ئۇسۇلى ساغلاملىقىڭىزنى نابۇت قىلىۋېتىدۇ
  • ئاياللاردا بۆرەك ئاجىز بولسا تۆۋەندىكىدەك ئىپادىلەر بولىدۇ
  • ئەتىگىنى ئويغىنىپلا جىددىي ئورنىڭىزدىن تۇرماڭ
  • ئاياللار تۇرمۇشتا چوقۇم «ئۆزگىرىشى» كېرەك
  • بىر كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قېلىشنىڭ ئىلمىي ئاساسلىرى
  • ئەڭ يىڭى يوللانغىنى

  • يۈزدىكى بەش ئەزاغا قاراپ ئىچكى ئەزالارنىڭ ساغلاملىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدىكەن

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • بەختلىك ئەر-ئايال مۇنداق قىلىدۇ...

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • قىزلارنىڭ 19 ياش ۋاقتى بىلەن 29 ياش ۋاقتىدىكى پەرق

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • دائىم ئۇيقۇڭىز قاچامدۇ؟ ئۇنداقتا بۇ ئۇسۇللارنى قوللىنىپ بېقىڭ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ھەيز مەزگىلىدە ئوپېراتسىيە قىلدۇرسا بولامدۇ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللار قانچە يېشىدا توي قىلىشقا ئەڭ ئالدىرايدۇ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئەقىللىق ئاياللارنىڭ مۇنداق توققۇز ئالاھىدىلىكى بولىدىكەن

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • «تۇرمۇش ئىناۋەتلىك كارتىسى» غا سەمىمىي بولالىدىڭىزمۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • يېڭى ھامىلدار بولۇپ بويىدىن ئاجراپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلارغا تەۋسىيە

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئۆيلىنىپ بولغان ئادەمنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندا ئۆزىڭىزدىن بۇ سوئاللارنى سوراڭ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ياز ۋاقتىدا ئورۇقلاشقا ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان ھەرىكەتلەر

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللارنىڭ بەكرەك كۈتۈنۈشكە تېگىشلىك بولغان ئۈچ خىل مەزگىلى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئەڭ ياخشى يازلىق مېۋىلەر رەت تەرتىپى ئېلان قىلىندى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • تاماقتىن كېيىنلا بۇ 10 ئىشنى قىلىش ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغانغا باراۋەر

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • كۆزنى يۇمۇپ 10 مىنۇت ئارام ئالدۇرۇشنىڭ پايدىسى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • باشلان خەۋەرلىرى

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ئاۋات ساغلاملىق بىلىملىرى

    باشلان تەۋسىيە قىلغىنى

    باشلان تورى تەۋسىيە خەۋىرى
  • داچىدا تۇرۇپ ئايدا 10 مىڭ يۈەن مائاش ئالىدىغان بىۋاستە تارقاتقۇچىلار

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بىل گەيتىس: ئىلگىرى كەينىگە سۆرەش كېسىلىم بەك ئېغىر ئىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بەزمىخانىدا ئۇسسۇل ئوينىغان ئېسىلزادە 22 كاراتلىق ئالماس ئۈزۈكىنى يۈتتۈرۈپ قويدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • «يانفون خۇمارى»نىڭ توققۇز تۈرلۈك ئىپادىسى: سىزدە قانچىسى بار؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئۈرۈمچىدە باشقا جايدىكىلەرنىڭ كىملىكىنى چۈشلۈك دەم ئېلىشتىمۇ بېجىرگىلى بولىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • خاۋكىڭ مۇھەببەتتە تولىمۇ تەلىيى كەلگەن بىر ئىنسان

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ما يۈن: 2018-يىلى ئىنتېرنېت ئېلىمىزدە زور بىر تۈركۈم بايلارنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • خاۋكىڭنىڭ ئەڭ مەشھۇر ھېكمەتلىك سۆزلىرى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • تور سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىش ئاممىغا قانداق نەپ ئېلىپ كېلىدۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015