قىزلارنىڭ 19 ياش ۋاقتى بىلەن 29 ياش ۋاقتىدىكى پەرق

تەۋە تۈر : تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق > ئاياللار >       مەنبە : تور دۇنياسى      يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2018-06-28 01:01:13

بىرىنچى: 19 ياش ۋاقتىدا ھەرخىل مەكتەپ ئۇسلۇبىدىكى، ئوقۇغۇچى ئۇسلۇبىدىكى نەرسىلەرنى ياقتۇرىدۇ، مودا قوغلىشىدۇ. ھاۋا ھەرقانچە سوغۇق بولسىمۇ كالتە يوپكىلارنى كىيىشنى، چىرايلىق مودا كىيىنىشنى تاللايدۇ.

29 ياش ۋاقتىدا بولسا بەدىنىنى ئىسسىق ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئانىسى ئەسكەرتمىسىمۇ ھاۋا سوۋۇپ كەتكەن ھامان كۈزلۈك ئىشتانلىرىنى كىيىدۇ، ھەممە يېرىنى يۆگەپ ئىسسىق تۇتىدۇ.

ئىككىنچى: 19 ياش ۋاقتىدا ياش ھەم قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرغان بولۇپ، قاتتىق تەسىر قىلىدىغان ياكى تەسىر قوزغايدىغان ئىشلارنى ياخشى كۆرىدۇ، كېچىسى ئۇخلىماي تۈنەپ ئويۇن ئوينايدۇ، يېرىم كېچىدە تۇرۇپ زىخلىق كاۋاپلارنى يەيدۇ، ھەر ئايدىكى ئالاھىدە مەزگىللىرىدە ئاچچىق يەلقازان شورپىلىرىنى يەيدۇ، زۇكامداپ قالغاندا دورا ئىچكىلى ئۇنىمايدۇ.

29 ياشقا كىرگەندە بولسا ھەرخىل كۈتۈنۈش بىلىملىرى، كۈتۈنۈش تەدبىرلىرىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ، تۈنەشكە پېتىنالمايدۇ. چاي ئىچكەندە ئالقات قاتارلىق دورا-دەرمەكلەر بىلەن بىللە ئىچىدۇ، تۇيۇقسىزلا ئۆلۈپ قېلىشتىن بەكرەك ئۆزىنىڭ چېچىنىڭ چۈشۈپ كېتىش مەسىلىسى قاتارلىقلاردىن ئەنسىرەيدۇ.

ئۈچىنچى: 19 ياش ۋاقتىدا دوستلىرى كۆپ بولىدۇ. كۈن بويى كۈلكە-چاقچاق بىلەن خۇشال يۈرۈيدۇ. بىللە چولپانلارنى قوغلىشىدۇ، ھاجەتخانىغا بىللە بېرىشىدۇ، بىللە ناخشا ئېيتقىلى بارىدۇ. كۆڭلىدە ھېچقانداق ئوي-پىكىر ياكى ھىيلە-مىكىرلىرى بولمايدۇ، ھەممە ئادەمگە ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ.

29 ياشقا كىرگەندە بولسا تەشەببۇسكارلىق بىلەن دوستلىرىنى تاللاشنى، شاللاشنى بىلىدۇ. ھەممە ئادەمگە چىن يۈرىكى بىلەن مۇئامىلە قىلمايدىغان بولىدۇ. كىشىلىك ئالاقە چەمبىرىكى بارغانسېرى ساپلىشىپ، قالغانلىرى ئەڭ مۇھىم كىشلىرى بولىدۇ.

تۆتىنچى: 19 ياش ۋاقتىدا قارشىلىشىش پىسخىكىسى كۈچلۈك بولىدۇ، ئۆزىنى كۆرسىتىشنى ياخشى كۆرىدۇ. باشقىلارنىڭ كوتۇلداشلىرىنى ياقتۇرمايدۇ، باشقىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشلىرىغا چىك قويۇۋېلىشىنى ياخشى كۆرمەيدۇ، ئەركىنلىكنى ياخشى كۆرىدۇ.

29 ياش ۋاقتىدا پىشىپ يېتىلىدۇ، ئۆزىنى تۇتۇۋالالايدۇ. باشقىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى چۈشىنىدۇ، قانداقلا كەيپىياتتا بولسۇن شۇ ھامان چىرايىغا چىقىرىپ يۈرمەيدۇ.

بەشىنچى: 19 ياش ۋاقتىدا بىرسىنى ياخشى كۆرمىكى بەك ئاسان بولىدۇ. ئوغۇللارنىڭ كېلىشكەن، سالاپەتلىك تۇرغان قىياپىتىنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن بىللە يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن سوقۇشىدۇ.

29 ياشقا كىرگەندە بولسا ئۇنداق ئاسانلىقچە بىرسىگە كۆڭۈل بەرمەيدۇ، قارشى تەرەپنىڭ سىرتقى قىياپىتىنىڭ مۇھىم ئەمەسلىكىنى بىلىدۇ. پەقەت ئۆزىگە كۆيۈنسىلا بولدى دەپ ئويلايدۇ. ئۆزىنىڭلا غېمىنى يەيدىغان ئىشنى قىلمايدۇ. كەڭ-قورساق بولۇشنى بىلىدۇ، مېھىر-مۇھەببەتنى، ھېسسىياتنى قانداق قىلىپ ياخشى داۋاملاشتۇرۇشنى چۈشىنىدىغان بولىدۇ.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • مۇنداق ئاياللار لەۋ سۇرۇخ سۈرۈشكە ماس كەلمەيدۇ
  • ئەر-خوتۇن ماي تارتىشىپ قالغاندا قانداق قىلىشى كېرەك؟
  • قان ئازلىق ئاياللاردا تۇغماسلىقنى پەيدا قىلامدۇ؟
  • بالىڭىزنى قانداق ماختايسىز؟
  • ئاياللار سالامەتلىك تەكشۈرۈش تۈرلىرىنى قانداق تاللىشى كېرەك؟
  • ئادەم بەدىنىدىن نېمە ئۈچۈن ھەر خىل خىل پۇراقلار ھاسىل بولىدۇ؟
  • بۇ تۆت خىل ئايال بىلەن توي قىلغان ئەرلەرنى بىر ئۆمۈر نەس باسىدۇ
  • قېنىڭىزدا كالىي مىقدارى تۆۋەنلەپ كەتسە مۇنداق قىلىڭ
  • دائىم قىزىل چاي ئىچىپ بېرىشنىڭ بەش تۈرلۈك پايدىسى
  • تاماكا چېكىش ئۆپكە راكىنىڭ بىردىنبىر سەۋەبىمۇ
  • ئەرلەر كەلگۈسى 50 يىلدا بالىلىق بولۇش ئىقتىدارىدىن قېلىشى مۇمكىن
  • بىر سائەت پىيادە مېڭىشنىڭ قانچىلىك پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟
  • مۇھەببەتنىڭ قىزغىن داۋاملىشىش ۋاقتى ئىككى يىل بولىدۇ
  • ئالتە خىل «مودا» ياشاش ئۇسۇلى ساغلاملىقىڭىزنى نابۇت قىلىۋېتىدۇ
  • ئاياللاردا بۆرەك ئاجىز بولسا تۆۋەندىكىدەك ئىپادىلەر بولىدۇ
  • ئەتىگىنى ئويغىنىپلا جىددىي ئورنىڭىزدىن تۇرماڭ
  • ئاياللار تۇرمۇشتا چوقۇم «ئۆزگىرىشى» كېرەك
  • بىر كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قېلىشنىڭ ئىلمىي ئاساسلىرى
  • ئەڭ يىڭى يوللانغىنى

  • يۈزدىكى بەش ئەزاغا قاراپ ئىچكى ئەزالارنىڭ ساغلاملىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدىكەن

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • بەختلىك ئەر-ئايال مۇنداق قىلىدۇ...

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • قىزلارنىڭ 19 ياش ۋاقتى بىلەن 29 ياش ۋاقتىدىكى پەرق

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • دائىم ئۇيقۇڭىز قاچامدۇ؟ ئۇنداقتا بۇ ئۇسۇللارنى قوللىنىپ بېقىڭ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ھەيز مەزگىلىدە ئوپېراتسىيە قىلدۇرسا بولامدۇ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللار قانچە يېشىدا توي قىلىشقا ئەڭ ئالدىرايدۇ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئەقىللىق ئاياللارنىڭ مۇنداق توققۇز ئالاھىدىلىكى بولىدىكەن

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • «تۇرمۇش ئىناۋەتلىك كارتىسى» غا سەمىمىي بولالىدىڭىزمۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • يېڭى ھامىلدار بولۇپ بويىدىن ئاجراپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلارغا تەۋسىيە

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئۆيلىنىپ بولغان ئادەمنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندا ئۆزىڭىزدىن بۇ سوئاللارنى سوراڭ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ياز ۋاقتىدا ئورۇقلاشقا ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان ھەرىكەتلەر

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللارنىڭ بەكرەك كۈتۈنۈشكە تېگىشلىك بولغان ئۈچ خىل مەزگىلى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئەڭ ياخشى يازلىق مېۋىلەر رەت تەرتىپى ئېلان قىلىندى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • تاماقتىن كېيىنلا بۇ 10 ئىشنى قىلىش ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغانغا باراۋەر

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • كۆزنى يۇمۇپ 10 مىنۇت ئارام ئالدۇرۇشنىڭ پايدىسى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • باشلان خەۋەرلىرى

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ئاۋات ساغلاملىق بىلىملىرى

    باشلان تەۋسىيە قىلغىنى

    باشلان تورى تەۋسىيە خەۋىرى
  • داچىدا تۇرۇپ ئايدا 10 مىڭ يۈەن مائاش ئالىدىغان بىۋاستە تارقاتقۇچىلار

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بىل گەيتىس: ئىلگىرى كەينىگە سۆرەش كېسىلىم بەك ئېغىر ئىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بەزمىخانىدا ئۇسسۇل ئوينىغان ئېسىلزادە 22 كاراتلىق ئالماس ئۈزۈكىنى يۈتتۈرۈپ قويدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • «يانفون خۇمارى»نىڭ توققۇز تۈرلۈك ئىپادىسى: سىزدە قانچىسى بار؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئۈرۈمچىدە باشقا جايدىكىلەرنىڭ كىملىكىنى چۈشلۈك دەم ئېلىشتىمۇ بېجىرگىلى بولىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • خاۋكىڭ مۇھەببەتتە تولىمۇ تەلىيى كەلگەن بىر ئىنسان

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ما يۈن: 2018-يىلى ئىنتېرنېت ئېلىمىزدە زور بىر تۈركۈم بايلارنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • خاۋكىڭنىڭ ئەڭ مەشھۇر ھېكمەتلىك سۆزلىرى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • تور سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىش ئاممىغا قانداق نەپ ئېلىپ كېلىدۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015