ئاياللار نېمە سەۋەبلەردىن ئاجرىشىش قارارىغا كېلىدۇ؟

تەۋە تۈر : تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق > ئاياللار >       مەنبە : تور دۇنياسى      يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2018-06-08 15:53:08

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى

ئەگەر نىكاھ قىستاپ مۇئەييەن دەرىجىگە يەتمىسە، مېنىڭچە ئاجرىشىشنى خالايدىغان ئايال يوق. كىممۇ بىر ئوبدان ئائىلىسىنىڭ ۋەيران بولۇشىنى ئويلىسۇن، بەزى ئاياللار نىكاھتىن باتۇرلۇق بىلەن ئاجرىشىپ چىقىپ كېتىدۇ، بۇمۇ ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىدىكى مۈشكۈلاتلارنى ئۆزگەرتىشنى ئويلىغانلىقى ئۈچۈندۇر. «مېنىڭ نىكاھ تۇرمۇشۇم خىرەلەشتى، قانداق قىلغاندا ھەقىقىي تۈردە ئۆزەم ئۈچۈن ياشىيالايمەن». بەربات بولغان نىكاھ مۈشكۈلاتلىرىدىن چىقىپ كېتەلىگەن ئايال باتۇر ھېسابلىنىدۇ. ئاياللارنى ئاجرىشىش قارارىغا كەلتۈرىدىغان ھەقىقىي سەۋەب نېمە؟ مەن بىر قىسىم ئاياللارنىڭ ھېكايىسىنى رەتلەپ چىقتىم، ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن نىكاھتىن ئاجراشقانلىقىنى ئەستايىدىل كۆرۈپ بېقىڭ.

بىرىنچى، مۇھەببەتسىز نىكاھنى قانداق داۋاملاشتۇرۇش كېرەك؟ جياڭشىلىق لەن مېي ئۆزىنىڭ نىكاھى مۇھەببەتسىز نىكاھ ئىكەنلىكىنى، مۇھەببەتسىز نىكاھنىڭ ئۆزى ۋە يولدىشىنى قىيناپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئەر-ئايال ئىككىسىنىڭ ھەتتا مۇھەببەتسىز نىكاھنى پاراڭسىز نىكاھقا، بۇنىڭدىن تەرەققىي قىلىپ يەنە ئەر-ئاياللىق تۇرمۇش يوق نىكاھقا ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقىنى ئېيتتى. لەن مېينىڭ نىكاھ تۇرمۇشىدا ئۇ يولدىشى بىلەن بىر ئۆيدە تۇرسىمۇ پاراڭلاشمايدۇ، ئۆزئارا ئەڭ تونۇش بولسىمۇ ناتونۇش كىشىلەرگە ئايلىنىپ، ئىنتايىن ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان. بۇ نىكاھ ئەسلىدە ئاتا-ئانىسىنىڭ زورلىشى ئاستىدا يېنىكلىك بىلەن قۇرۇلغان بولۇپ، مانا ئەمدىلىكتە بىر تىراگېدىيەگە ئايلانغان. لەن مېي ئاجرىشىشنى قارار قىلىپ، ئۆزى ۋە يولدىشىغا بىر يېڭى باشلىنىش پۇرسىتى بەرمەكچى بولدى. ئادەم بۇ دۇنيادا مەڭگۈ ياشىمايدۇ، ئەپلەپ-سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزۈپ بىر-بىرىنى قىيناشنىڭ نېمە ھاجىتى.

ئىككىنچى، نىكاھتىكى ساداقەتسىزلىق، مۇھەببەتكە قىلىنغان ئاسىيلىق

نىكاھنىڭ بەربات بولۇشىدىكى يەنە بىر سەۋەب: نىكاھقا قىلىنغان ساداقەتسىزلىق، مۇھەببەتكە قىلىنغان ئاسىيلىق. شياۋ خې ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى يولدىشىدىن ئاجرىشىشى دەل مۇشۇ سەۋەبتىن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ ئىلگىرىكى يولدىشىنى ياخشى كۆرەتتى، لېكىن يولدىشى ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلىپ قاتتىق ئازابتا قويدى، ئۇ كۈنبويى ھەممىدىن گۇمانسىراپ، ئۆزگىرىپ ئۆزىگە ئوخشىماي قالدى. شياۋ خې يولدىشىنىڭ كۆڭلىنى قايتۇرۇپ كېلىشنى ئويلىغان، يولدىشى ئۆيگە قايتىپ كەلگەن بىلەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن كارى يوق ئىدى. شياۋ خې قاتتىق ئازاب ئىلكىدە ئۈمىدسىزلىنىپ ئاجرىشىشنى ئويلىدى. نىكاھتا سىز ئۇنى ياخشى كۆرسىڭىز ئۇنىڭ ئاسىيلىقىغا چىدىيالمايسىز، يولدىشىڭىزنىڭ باشقا بىر ئايال بىلەن بىرگە ئۆتۈشىگە تېخىمۇ چىدىيالمايسىز.

ئۈچىنچى، قاراشلىرى ئوخشىماي، پىكىر بىر يەردىن چىقماسلىق

لى چىڭ ئەگەر قايتا توي قىلسا چوقۇم پاراڭلىشالايدىغان ئادەم تاپىدىغانلىقىنى ئېيتتى. لى چىڭ بىلەن يولدىشىنىڭ پىكىرى بىر يەردىن چىقمايدۇ، يولدىشى ئۇنىڭغا يول قويمايدۇ، مۇرەسسە قىلىشقا تېخىمۇ قوشۇلمايدۇ، تۈگمىدەك كىچىك ئىشلار ئۈچۈنمۇ ئۇ يولدىشى بىلەن جېدەللىشىپ ئۆينى بېشىغا كىيىدۇ. نىكاھ تۇرمۇشىدا ئەڭ ياخشىسى ئۆزئارا مۇرەسسە قىلىش كېرەك، مۇرەسسە قىلغىلى بولمىسا مۇنداق تۇرمۇشنى داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدۇ. پىكىر بىر يەردىن چىقمىسا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ ئايىغى چىقماي، ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە دەز كېتىدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى مۇنداق نىكاھ ئادەمنى چارچىتىدۇ. لى چىڭ نىكاھنىڭ بىر قەپەس ئىكەنلىكىنى، نىكاھتىن ئاجراشقاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ باشقىچە يېنىكلەپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.

تۆتىنچى، قېيىنئانىسىنىڭ توختىماي كوتۇلدىشى، يولدىشىنىڭ سوغۇق تەلەتى

لو جىڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ نىكاھىغا قېيىنئانىسىنىڭ كوتۇلدىشى سەۋەبىدىن دەز كەتكەن. قېيىنئانىسى بىلەن بىر ئۆيدە تۇرمۇش كەچۈرگەندە، قېيىنئانىسى قۇرۇق غەيۋەت-شىكايەتنى كۆپ قىلغان، يولدىشى ھەر قېتىم قېيىنئانىسى تەرەپتە تۇرغان، بۇنىڭدىن ئۇ ئۆزىنى ئىنتايىن ئاجىز ھېس قىلغان. «باشقىلار توي قىلسا خۇشاللىققا ئېرىشىدىكەن، مەن توي قىلىپ ئارزۇ قىلغان خۇشاللىققا ئېرىشىشكە كۆزۈم يەتمىدى.» لو جىڭ ئەسلىدە ئاجراشماقچى بولغان ئىدى، لېكىن كۆزىگە سىغمىغان قېيىنئانىسىنىڭ بىچارە ھالىتىنى كۆرۈپ، ئامالسىز بۇ ئويىدىن ياندى، قېيىنئانىسىمۇ ئوغلىنىڭ ئۇنىڭغا ئوخشاش يەنە بىر ئايالنى تاپالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. لو جىڭ تەن بېرىپ «بولدى، بولدى، مېنى قەدىرلىمەيدىغان ھەم مەندىن مىننەتدار بولمايدىغانلارغا مېنىڭمۇ ھاجىتىم يوققۇ دەيمەن» دېدى.

بەشىنچى، يولدىشىنىڭ زوراۋانلىقى

شياۋ جىڭخەن ئۆزىنىڭ تاياقتىن قورقۇپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. يولدىشىنىڭ زوراۋانلىقى سەۋەبىدىن شياۋ جىڭخەن نىكاھنى داۋاملاشتۇرىدىغان ئازىراقمۇ باھانە تاپالمىدى. ئۇ: «ئەگەر نىكاھ بەدىنىمنى قىيما-چىيما قىلىۋەتسىمۇ، ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىپ يېڭىدىن باشلاشقا رازى» دېدى.

يېقىندىن بۇيان نىكاھتىن ئاجرىشىدىغان ئىشلار ئىنتايىن كۆپ، بىرەيلەن باھا بېرىپ: «توي قىلىش ئاسان ئەمەس، نېمىشقا باشقىلارنى ئاجرىشىشقا ئۈندەيسىز»دېدى. ئەمەلىيەتتە بۇ باشقىلارنى ئاجرىشىشقا ئۈندەش ئەمەس بەلكى قانداق قىلىپ دەز كەتكەن نىكاھتىن قايتۇرۇپ چىقىش. مەن ئەزەلدىن بىر قىسىم ئاياللارنىڭ ئاجرىشىشقا جۈرئەتلىك بولۇشى، ئۇنىڭ ئۆز تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتىش ئويى بارلىقىدىن، دەپ قارايمەن. ئەگەر دەز كەتكەن نىكاھنى سازلىققا ئوخشاتساق، سىز ئۇنىڭغا پېتىپ قالسىڭىز ئىنتايىن قىيىن كۈندە قالىسىز، روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتە قىينالغاننى ئاز دەپ يەنە جۆرىڭىز سىزنى توختىماي ئازابلايدۇ، بىز ئۇنىڭدىن چىقىپ كېتىشىمىز كېرەكمۇ قانداق؟ دەرۋەقە ئاز بىر قىسىم ئاياللارنى ئازابلايدۇ. ئاياللارنىڭ ئالغا باسقانلىقىنىڭ ئىپادىسى: نىكاھنى ئۆزىنىڭ كىشلىك ھاياتىنىڭ بارلىقى قىلىۋالماستىن بەلكى پەقەت تۇرمۇشنىڭ بىر قىسمى قىلىشتۇر. ئاياللار كۆپ قىسىم ۋاقىتلاردا ئۆزىگە ياخشى مۇئامىلە قىلىپ، كەڭ قورساق بولۇپ، ئۆزىنى چوڭ تۇتماي ياشىشى كېرەك.

بۇ پەقەت تەرجىمە خەۋەر، تەھرىرنىڭ كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ!

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • مۇنداق ئاياللار لەۋ سۇرۇخ سۈرۈشكە ماس كەلمەيدۇ
  • ئەر-خوتۇن ماي تارتىشىپ قالغاندا قانداق قىلىشى كېرەك؟
  • قان ئازلىق ئاياللاردا تۇغماسلىقنى پەيدا قىلامدۇ؟
  • بالىڭىزنى قانداق ماختايسىز؟
  • ئاياللار سالامەتلىك تەكشۈرۈش تۈرلىرىنى قانداق تاللىشى كېرەك؟
  • ئادەم بەدىنىدىن نېمە ئۈچۈن ھەر خىل خىل پۇراقلار ھاسىل بولىدۇ؟
  • بۇ تۆت خىل ئايال بىلەن توي قىلغان ئەرلەرنى بىر ئۆمۈر نەس باسىدۇ
  • قېنىڭىزدا كالىي مىقدارى تۆۋەنلەپ كەتسە مۇنداق قىلىڭ
  • دائىم قىزىل چاي ئىچىپ بېرىشنىڭ بەش تۈرلۈك پايدىسى
  • تاماكا چېكىش ئۆپكە راكىنىڭ بىردىنبىر سەۋەبىمۇ
  • ئەرلەر كەلگۈسى 50 يىلدا بالىلىق بولۇش ئىقتىدارىدىن قېلىشى مۇمكىن
  • بىر سائەت پىيادە مېڭىشنىڭ قانچىلىك پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟
  • مۇھەببەتنىڭ قىزغىن داۋاملىشىش ۋاقتى ئىككى يىل بولىدۇ
  • ئالتە خىل «مودا» ياشاش ئۇسۇلى ساغلاملىقىڭىزنى نابۇت قىلىۋېتىدۇ
  • ئاياللاردا بۆرەك ئاجىز بولسا تۆۋەندىكىدەك ئىپادىلەر بولىدۇ
  • ئەتىگىنى ئويغىنىپلا جىددىي ئورنىڭىزدىن تۇرماڭ
  • ئاياللار تۇرمۇشتا چوقۇم «ئۆزگىرىشى» كېرەك
  • بىر كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قېلىشنىڭ ئىلمىي ئاساسلىرى
  • ئەڭ يىڭى يوللانغىنى

  • يۈزدىكى بەش ئەزاغا قاراپ ئىچكى ئەزالارنىڭ ساغلاملىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدىكەن

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • بەختلىك ئەر-ئايال مۇنداق قىلىدۇ...

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • قىزلارنىڭ 19 ياش ۋاقتى بىلەن 29 ياش ۋاقتىدىكى پەرق

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • دائىم ئۇيقۇڭىز قاچامدۇ؟ ئۇنداقتا بۇ ئۇسۇللارنى قوللىنىپ بېقىڭ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ھەيز مەزگىلىدە ئوپېراتسىيە قىلدۇرسا بولامدۇ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللار قانچە يېشىدا توي قىلىشقا ئەڭ ئالدىرايدۇ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئەقىللىق ئاياللارنىڭ مۇنداق توققۇز ئالاھىدىلىكى بولىدىكەن

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • «تۇرمۇش ئىناۋەتلىك كارتىسى» غا سەمىمىي بولالىدىڭىزمۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • يېڭى ھامىلدار بولۇپ بويىدىن ئاجراپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلارغا تەۋسىيە

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئۆيلىنىپ بولغان ئادەمنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندا ئۆزىڭىزدىن بۇ سوئاللارنى سوراڭ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ياز ۋاقتىدا ئورۇقلاشقا ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان ھەرىكەتلەر

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللارنىڭ بەكرەك كۈتۈنۈشكە تېگىشلىك بولغان ئۈچ خىل مەزگىلى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئەڭ ياخشى يازلىق مېۋىلەر رەت تەرتىپى ئېلان قىلىندى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • تاماقتىن كېيىنلا بۇ 10 ئىشنى قىلىش ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغانغا باراۋەر

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • كۆزنى يۇمۇپ 10 مىنۇت ئارام ئالدۇرۇشنىڭ پايدىسى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • باشلان خەۋەرلىرى

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ئاۋات ساغلاملىق بىلىملىرى

    باشلان تەۋسىيە قىلغىنى

    باشلان تورى تەۋسىيە خەۋىرى
  • داچىدا تۇرۇپ ئايدا 10 مىڭ يۈەن مائاش ئالىدىغان بىۋاستە تارقاتقۇچىلار

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بىل گەيتىس: ئىلگىرى كەينىگە سۆرەش كېسىلىم بەك ئېغىر ئىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بەزمىخانىدا ئۇسسۇل ئوينىغان ئېسىلزادە 22 كاراتلىق ئالماس ئۈزۈكىنى يۈتتۈرۈپ قويدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • «يانفون خۇمارى»نىڭ توققۇز تۈرلۈك ئىپادىسى: سىزدە قانچىسى بار؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئۈرۈمچىدە باشقا جايدىكىلەرنىڭ كىملىكىنى چۈشلۈك دەم ئېلىشتىمۇ بېجىرگىلى بولىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • خاۋكىڭ مۇھەببەتتە تولىمۇ تەلىيى كەلگەن بىر ئىنسان

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ما يۈن: 2018-يىلى ئىنتېرنېت ئېلىمىزدە زور بىر تۈركۈم بايلارنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • خاۋكىڭنىڭ ئەڭ مەشھۇر ھېكمەتلىك سۆزلىرى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • تور سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىش ئاممىغا قانداق نەپ ئېلىپ كېلىدۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015