ئاياللار ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرۈش ئوپىراتسىيەسى قىلدۇرۇپ قانچە كۈندىن كېيىن خىزمەتكە بارسا بولىدۇ

تەۋە تۈر : تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق > ئاياللار >       مەنبە : تور دۇنياسى      يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2018-06-02 18:03:54

بېيجىڭ ۋاقتى تورى 2-ئىيۇن خەۋىرى:

ئاياللار ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرۈش ئوپىراتسىيەسى قىلدۇرۇپ نەچچە كۈندىن كېيىن خىزمەتكە بارسا بولىدۇ؟

ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا، ئايال خىزمەتچىلەر ھامىلدار بولۇپ تۆت ئايغا توشمىغان بولسا (بالا چۈشۈرۋېتىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئىككى ھەپتىدىن تۆۋەن بولمىغان دەم ئېلىش رۇخسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ، تۆت ئايدىن يۇقىرى بولسا (بالا چۈشۈرۋېتىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئالتە ھەپتىدىن كەم بولمىغان دەم ئېلىش رۇخسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.

بالا چۈشۈرۈش ئامال قالمىغان چاغدا قوللىنىدىغان ئۇسۇل، ئاياللار ھەرگىزمۇ بالا چۈشۈرۈشنى دائىملىق ئىشقا ئايلاندۇرۋالماسلىقى لازىم، بالا چۈشۈرۈشكە توغرا كەلگەندە ھەرگىزمۇ ھاپىلا-شاپىلا ئۇدۇل كەلگەن دوختۇرلارغا كۆرۈنمەسلىك، چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالاشنى قۇبۇل قىلىشى كېرەك، بۇنىڭدىن باشقا بالا چۈشۈرگەندە ئاۋال مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرنى قىلىش، جىنسىي ئەزا يولى، بالىياتقۇ بوينى، داس بوشلۇقى قاتارلىق ئورۇنلاردا ياللۇغ بار يوقلىقىنى تەكشۈرتۈش، ئەگەر ياللۇغ بولسا ئالدى بىلەن ياللۇغنى داۋالىتىش، ياللۇغ پەسكويغا چۈشكەندىن كېيىن ئاندىن بالا چۈشۈرۈش لازىم. ئوپىراتسىيەدىن كېيىن ئارام ئېلىشقا ۋە جىنسىي ئەزانىڭ تازىلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش، ئالدىراپ جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەسلىك كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا ئوپىراتسىيە سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان تۇغماسلىق نىسبىتىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرگىلى بولىدۇ.

ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرۈش ئوپىراتسىيەسى قىلدۇرۇپ قانچىلىك ۋاقىتتىن كېيىن ھەرىكەت قىلسا بولىدۇ ؟

گەرچە ھازىرقى ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرۈش تېخنىكىسى بىر قەدەر پىشىپ يېتىلگەن، ئوپىراتسىيەدىن كېيىن بەدەننىڭ ئەسلىگە كېلىشى تېز بولسىمۇ، ئوپىراتسىيە بىۋاستە بالىياتقۇ بوشلىقىدا بولغاچقا، بالىياتقۇنى مەلۇم دەرىجىدە زەخمىگە ئۇچرىتىدۇ، ھامىلە چۈشۈرۈش ئوپىراتسىيەسىدىن كېيىن 5~3 كۈنگىچە قان كېلىدۇ، قان ئېقىش بارا-بارا توختايدۇ، ئەگەر بالىياتقۇ يۈزىدىكى يارا ساقايماي تۇرۇپ ئېغىر ھەرىكەتلەرنى قىلغاندا بالىياتقۇنىڭ يىغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ قان مىقدارىنى ئاشۇرۋېتىدۇ، ئېغىر بولغاندا قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ چاغدا بەدەننىڭ ئېممونت كۈچى ئاجىز بولغاچقا كېسەل مىكروبلىرىنىڭ بالىياتقۇ بوشلىقىغا كېرىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ، بالىياتقۇ بوشلىقىنىڭ ياللۇغلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئېغىر بولغاندا تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ھامىلە چۈشۈرگەندىك كېيىن بەدەننىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىن ئەسلىگە كېلىشىگە مەلۇم ۋاقىت كېتىدۇ، بۇ چاغدا ئېغىر ھەرىكەت قىلغاندا بالىياتقۇنىڭ ئورنىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭلاشقا ھامىلە چۈشۈرۈش ئوپىراتسىيەسىدىن كېيىن ئارام ئېلىشنى ئاساس قىلىش، چارچاپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك، ئادەتتە 5~3 كۈنگىچە ئۆيدە ئارام ئالغاندىن كېيىن سىرتقا چىقسا بولىدۇ، لېكىن ئالدىنقى شەرت ئېغىر ھەرىكەت قىلماسلىق، ھەددىدىن ئارتۇق چارچاپ كەتمەسلىك لازىم.

ھامىلە چۈشۈرۈش ئوپىراتسىيەسىدىن كېيىن ئارام ئېلىش ھەرگىزمۇ كۈنلەپ كارىۋاتتىن چۈشمەي يېتىش دېگەنلىك ئەمەس، نۇرمال ھەرىكەت قىلىپ بېرىش بالىياتقۇ يۈزىدىكى يارىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئوپىراتسىيەدىن ئىككى ھەپتە كېيىن ھەرىكەت قىلىشقا بولىدۇ، لېكىن چوقۇم يول مېڭىش، ساغلاملىق گىمناستىكىسى ئويناش قاتارلىق يېنىك ھەرىكەتلەرنى قىلىش، بىر قېتىملىق ھەرىكەت ۋاقتى يېرىم سائەتىن ئېشىپ كەتمەسلىك كېرەك.

3. ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرۈش ئوپىراتسىيەسى قىلدۇرغاندىن كېيىن نېمە يېيىش كېرەك؟

لىجى-چىلان شورپىسى. قۇرۇق لىجىدىن 7 تال، قۇرۇق چىلاندىن 7 تال، ئىككىسىنى بىللە سۇدا قايتىنىپ كۈندە بىر قېتىم ئىچىش، لىجى، چىلان ئادەم بەدىنىگە قان تولۇقلايدىغان بولۇپ، ھامىلدار ئاياللاردىكى قان ئازلىق ۋە ئوپىراتسىيەدىن كېيىنكى بەدەن ئاجىزلىققا ئۈنۈملۈك شىپا قىلىدۇ.

تۇخۇم-چىلان شورپىسى: تۇخۇمدىن 2 تال، چىلاندىن 10 تال، قارا شېكەردىن مۇۋاپىق مىقداردا. قازانغا سۇ قۇيۇپ قاينىغاندىن كېيىن تۇخۇمنى چېقىپ پۇشۇرىمىز، ئارقىدىن چىلان ۋە قارا شېكەرنى سېلىپ سۇس ئوتتا 20 مىنۇت قاينىتىمىز، بۇ شورپىنىڭ بەدەننى قۇۋۋەتلەش، قان تولۇقلاش رولى بار، قان ئازلار، كېسەلچانلار ۋە تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ئىچىشىگە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ.

باچكا-ئالقات شورپىسى: باچكا بىر تال، ئالقات 30 گرام، ئاز مىقداردا تۇز. باچكىنى پاكىز تازىلاپ ئالقات بىلەن بىللە قاينىتىمىز، پىشاي دېگەندە تۇز سېلىپ ئالساقلا بولىدۇ، گۆش بىلەن شورپىنى قېتىپ ھەر كۈنى ئىككى ۋاق ئېستىمال قىلىنىدۇ، باچكا ئالقات شورپىسىنىڭ قان تولۇقلاش، بەدەننى قۇۋۋەتلەش، ماغدۇرسىزلىقنى تۈگىتىش ئۈنۈمى بار بولۇپ، ئوپىراتسىيەدىن كېيىن ياكى باشقا كېسەللىك سەۋەبىدىن بەدىنى ئاجىزلاپ كەتكەن، دائىم ماغدۇرسىزلىنىدىغان، ئاسان تەرلەيدىغان كىشىلەرنىڭ ئىچىشىگە ماس كېلىدۇ.

پۇرچاق سۈتى شوۋىگۈرۈچى: نوقۇت سۈتى ئىككى قاچا، گۈرۈچ 50 گرام، نۇرمال مىقداردا ئاق شېكەر. گۈرۈچنى پاكىزە يۇيۇپ پۇرچاق سۈتى بىلەن بىللە قاينىتىپ شوۋىگۈرۈچ تەييارلايمىز، پىشقاندىن كېيىن ئۆزىمىزنىڭ ئادىتىگە ئاساسەن ئاق شېكەر سېلىپ ئېستىمال قىلساق بولىدۇ، ھەر كۈنى ئەتتىگەن ناشتىدا پۇرچاق سۈتى شوۋىگۈرۈچى ئىچىپ بەرگەندە ئاشقازاننى ياخشىلاپ، بەدەندىكى ئىسسىقنى ياندۇرىدۇ، ئوپىراتسىيەدىن كىيىنكى بەدەن ئاجىزلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە رولى ئىنتايىن ياخشى.

ئاياللار ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرۈش ئوپىراتسىيەسى قىلدۇرغاندىن كېيىن نېمىلەرگە دىققەت قىلىش لازىم :

1.ئوپىراتسىيەدىن كېيىن ئاز دېگەندە ئىككى ھەپتە ئارام ئېلىش كېرەك .

2.ئوپىراتسىيەدىن كېيىنكى ئىككى ھەپتىدە ئاساسلىقى كارىۋاتتا يېتىپ ئارام ئېلىش، ئېغىر ئىش قىلماسلىق لازىم .

3. ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك، ھاراق ئىچمەسلىك، بېلىق، گۆش، تۇخۇم، پۇرچاق قاتارلىق ئاقسىل مىقدارى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەرنى ئېستىمال قىلىش، مېۋە-چېۋە، سەي-كۆكتاتنى كۆپ يېيىش، سوغۇق، ئاچچىق يېمەكلىكلەردىن يىراق تۇرۇش لازىم.

4. ئوپىراتسىيەدىن كېيىن 5~3 كۈنگىچە جىسىي ئەزادىن قان چىقىش بارا-بارا ئازىيىدۇ، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندىمۇ 15~10 كۈندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، ئەگەر قان توختىمىسا، مىقدارى ئادەتتىكى نۇرمال ھەيز مىقدارىدىن ئېشىپ كەتسە ۋاقتىدا بېرىپ تەكشۈرتۈش لازىم.

5. بىر ئايغىچە جىسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەسلىك، ئارتۇقچە ئاۋارىچىلىققا قالماسلىق ئۈچۈن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغاندا چوقۇم ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئامالى قوللىنىش، ئەڭ ياخشىشى ئوپىراتسىيەدىن يېرىم يىل كېيىن ھامىلدار بولۇش لازىم.

6. شەخسىي تازىلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش لازىم.

ئاياللار ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرگەندىن كېيىن نېمىلەرنى قىلسا بولمايدۇ .

1.ئوپىراتسىيەدىن كېيىن مايلىق، ئاچچىق تاماقلاردىن پەرز تۇتۇش، لازا، زەنجىۋىل، ھاراق، ئاچچىقسۇ قاتارلىق غىدىقلىغۇچى نەرسىلەردىن يىراق تۇرۇش لازىم.

2. ئوپىراتسىيەدىن كېيىن ھايۋانات مېيى دېگەنگە ئوخشاش مايلىق يېمەكلىكلەردىن يىراق تۇرۇش، ئاسان ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى ئېستىمال قىلىش لازىم.

3. ئوپىراتسىيەدىن كېيىن قىسقۇچپاقا قاتارلىق سوغۇق يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك، بەدەننى ئىسسىق ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • مۇنداق ئاياللار لەۋ سۇرۇخ سۈرۈشكە ماس كەلمەيدۇ
  • ئەر-خوتۇن ماي تارتىشىپ قالغاندا قانداق قىلىشى كېرەك؟
  • قان ئازلىق ئاياللاردا تۇغماسلىقنى پەيدا قىلامدۇ؟
  • بالىڭىزنى قانداق ماختايسىز؟
  • ئاياللار سالامەتلىك تەكشۈرۈش تۈرلىرىنى قانداق تاللىشى كېرەك؟
  • ئادەم بەدىنىدىن نېمە ئۈچۈن ھەر خىل خىل پۇراقلار ھاسىل بولىدۇ؟
  • بۇ تۆت خىل ئايال بىلەن توي قىلغان ئەرلەرنى بىر ئۆمۈر نەس باسىدۇ
  • قېنىڭىزدا كالىي مىقدارى تۆۋەنلەپ كەتسە مۇنداق قىلىڭ
  • دائىم قىزىل چاي ئىچىپ بېرىشنىڭ بەش تۈرلۈك پايدىسى
  • تاماكا چېكىش ئۆپكە راكىنىڭ بىردىنبىر سەۋەبىمۇ
  • ئەرلەر كەلگۈسى 50 يىلدا بالىلىق بولۇش ئىقتىدارىدىن قېلىشى مۇمكىن
  • بىر سائەت پىيادە مېڭىشنىڭ قانچىلىك پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟
  • مۇھەببەتنىڭ قىزغىن داۋاملىشىش ۋاقتى ئىككى يىل بولىدۇ
  • ئالتە خىل «مودا» ياشاش ئۇسۇلى ساغلاملىقىڭىزنى نابۇت قىلىۋېتىدۇ
  • ئاياللاردا بۆرەك ئاجىز بولسا تۆۋەندىكىدەك ئىپادىلەر بولىدۇ
  • ئەتىگىنى ئويغىنىپلا جىددىي ئورنىڭىزدىن تۇرماڭ
  • ئاياللار تۇرمۇشتا چوقۇم «ئۆزگىرىشى» كېرەك
  • بىر كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قېلىشنىڭ ئىلمىي ئاساسلىرى
  • ئەڭ يىڭى يوللانغىنى

  • يۈزدىكى بەش ئەزاغا قاراپ ئىچكى ئەزالارنىڭ ساغلاملىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدىكەن

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • بەختلىك ئەر-ئايال مۇنداق قىلىدۇ...

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • قىزلارنىڭ 19 ياش ۋاقتى بىلەن 29 ياش ۋاقتىدىكى پەرق

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • دائىم ئۇيقۇڭىز قاچامدۇ؟ ئۇنداقتا بۇ ئۇسۇللارنى قوللىنىپ بېقىڭ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ھەيز مەزگىلىدە ئوپېراتسىيە قىلدۇرسا بولامدۇ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللار قانچە يېشىدا توي قىلىشقا ئەڭ ئالدىرايدۇ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئەقىللىق ئاياللارنىڭ مۇنداق توققۇز ئالاھىدىلىكى بولىدىكەن

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • «تۇرمۇش ئىناۋەتلىك كارتىسى» غا سەمىمىي بولالىدىڭىزمۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • يېڭى ھامىلدار بولۇپ بويىدىن ئاجراپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلارغا تەۋسىيە

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئۆيلىنىپ بولغان ئادەمنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندا ئۆزىڭىزدىن بۇ سوئاللارنى سوراڭ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ياز ۋاقتىدا ئورۇقلاشقا ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان ھەرىكەتلەر

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللارنىڭ بەكرەك كۈتۈنۈشكە تېگىشلىك بولغان ئۈچ خىل مەزگىلى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئەڭ ياخشى يازلىق مېۋىلەر رەت تەرتىپى ئېلان قىلىندى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • تاماقتىن كېيىنلا بۇ 10 ئىشنى قىلىش ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغانغا باراۋەر

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • كۆزنى يۇمۇپ 10 مىنۇت ئارام ئالدۇرۇشنىڭ پايدىسى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • باشلان خەۋەرلىرى

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ئاۋات ساغلاملىق بىلىملىرى

    باشلان تەۋسىيە قىلغىنى

    باشلان تورى تەۋسىيە خەۋىرى
  • داچىدا تۇرۇپ ئايدا 10 مىڭ يۈەن مائاش ئالىدىغان بىۋاستە تارقاتقۇچىلار

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بىل گەيتىس: ئىلگىرى كەينىگە سۆرەش كېسىلىم بەك ئېغىر ئىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بەزمىخانىدا ئۇسسۇل ئوينىغان ئېسىلزادە 22 كاراتلىق ئالماس ئۈزۈكىنى يۈتتۈرۈپ قويدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • «يانفون خۇمارى»نىڭ توققۇز تۈرلۈك ئىپادىسى: سىزدە قانچىسى بار؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئۈرۈمچىدە باشقا جايدىكىلەرنىڭ كىملىكىنى چۈشلۈك دەم ئېلىشتىمۇ بېجىرگىلى بولىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • خاۋكىڭ مۇھەببەتتە تولىمۇ تەلىيى كەلگەن بىر ئىنسان

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ما يۈن: 2018-يىلى ئىنتېرنېت ئېلىمىزدە زور بىر تۈركۈم بايلارنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • خاۋكىڭنىڭ ئەڭ مەشھۇر ھېكمەتلىك سۆزلىرى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • تور سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىش ئاممىغا قانداق نەپ ئېلىپ كېلىدۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015