ئاياللارنىڭ ئەڭ ياخشى تۇغۇت يېشى قانچە ياش؟

تەۋە تۈر : تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق > ئاياللار >       مەنبە : تور دۇنياسى      يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2017-11-09 22:32:44

ئادەتتە ئاياللارنىڭ يېشى 35تىن ئاشقاندىن كېيىن تۇغۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ دەپ قارىلىدۇ. ئۇنداقتا بۇ قاراش توغرىمۇ؟ ئاياللارنىڭ ئەڭ ياخشى تۇغۇت يېشى زادى قانچىلىك بولىدۇ؟ چوڭ ياشلىق ئاياللار يەنە تۇغالامدۇ؟

چەتئەللەردىكى نوپۇزلۇق تەتقىقات سانلىق مەلۇماتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، كۆپىيىشكە سۈنئىي ياردەم بېرىش تېخنىكىسىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇش نىسبىتى ئارانلا %40 بولۇپ ، ئۇتۇقلۇق بولۇش بولماسلىقىدا، تۇغۇت يېشى يەنىلا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىكەن.

35ياش-ئاياللار تۇغۇش ئىقتىدارىنىڭ چېگراسى بولۇشى مۇمكىن.

ئاياللارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك قانۇنىيىتى بويىچە ئېيتقاندا، تۇغۇش ئىقتىدارى يىگىرمە بەش ياشتا ئەڭ كۈچلۈك بولۇپ، ئوتتۇز ياشتىن كېيىن ئاستا ئاستا تۆۋەنلەيدۇ، ئوتتۇز بەش ياشتىن كېيىن تېز تۆۋەنلەيدۇ، قىرىق تۆت ياشتىن كېيىن ئاياللارنىڭ %87ى ھامىلىدار بولۇش ئىقتىدارىنى يوقىتىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەر ئايال ئىككى تەرەپ پۈتۈنلەي نورمال بولغان ئەھۋالدا، ئاياللار 25ياش چېغىدا ھەر ئايدا تەبىئىي ھامىلدار بولۇش نىسبىتى %20، ھەر يىلى %80بولىدىكەن ، 35ياشقا بارغاندا ھەر يىلى تەبىئىي ھامىلدار بولۇش نىسبىتى ئارانلا %40،  38ياشقا بارغاندا تەبىئىي ھامىلىدار بولۇش نىسبىتى ھەر ئايدا ئارانلا %10، 40ياشقا بارغاندا ئىنتايىن تۆۋەن بولىدىكەن. ياۋروپادىكى ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بەزى ئاياللار ھەيز توختاشتىن 7-8يىل بۇرۇنلا تۇغۇش ئىقتىدارىنى يوقىتىدىكەن.

چەتئەلدىكى بىر تۈرلۈك بەدەن سىرتىدا ئۇرۇقلاندۇرۇش تەجرىبىسىدە 40ياشتىن ئاشقان ئاياللارنىڭ تۇخۇمى بىلەن ياش ئەرلەرنىڭ ئۇرۇقىنى بىر گۇرۇپپا، 30ياشتىن تۆۋەن ئاياللارنىڭ تۇخۇمى بىلەن 50ياشتىن ئاشقان ئەرلەرنىڭ ئۇرۇقىنى بىر گۇرۇپپا قىلغاندا، كېيىنكى گۇرۇپپىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولغان. بۇ ياشنىڭ چوڭىيىشىنىڭ ئاياللارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى تېخىمۇ چوڭ بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ئۇنداقتا ياشنىڭ چوڭىيىشى قايسى تەرەپلەردىكى ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىدۇ؟ تۇغۇش ئىقتىدارىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ ؟ ئادەتتە ئاياللارنىڭ ھامىلدار بولۇش جەريانى مۇنداق بولىدۇ:

ئەر ئايال بىرگە بولغان چاغدا، مىڭلىغان تۈمەنلىگەن ھەتتا مىليونلىغان ئۇرۇقلار قويۇپ بېرىلىدۇ، لېكىن بۇلارنىڭ ئىچىدە پەقەت سۈپىتى نىسبەتەن ياخشى بولغان بىر نەچچە يۈز دانىسىلا تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنىڭ ئامپۇللاسىغا يېتىپ بارالايدۇ. ئۇلار تۇخۇم بىلەن ئۇچراشقاندا، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ كۈچلۈك بىرسىلا تۇخۇم ئىچىگە بۆسۈپ كىرىپ ئۇرۇقلاندۇرىدۇ. ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ، تۇخۇم توشۇش نەيچىسى بالىياتقۇغا كىرىپ ماكانلىشىپ، ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ھامىلىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن سۈپەتلىك تۇخۇم، سۈپەتلىك ئۇرۇق ۋە ياخشى ئۆسۈش مۇھىتى يەنى بالىياتقۇدىن ئىبارەت ئۈچ مۇھىم شەرت قىلىدۇ، ئەمما بۇ ئۈچ ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.

ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ تۇخۇم سۈپىتى ناچارلىشىدۇ

تۇخۇمنىڭ يېشى ئادەمنىڭ يېشى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ، تۇغۇت يېشى قانچە كېچىكسە، تۇخۇم شۇنچە قېرى، سۈپىتى شۇنچە ناچار بولىدۇ، بۇ ئاياللارنىڭ تۇغۇش ئىقتىدارى يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ تۆۋەنلەشنىڭ مۇھىم سەۋەبىدۇر.

قىز بوۋاق تۇغۇلغان چاغدا تۇخۇمدېنىدا بىر ئۆمۈر يەتكۈدەك تۇخۇمنى بىللە ئېلىپ كەلگەن بولىدۇ، قىزلار ياشلىق مەزگىلگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، ھەر يىگىرمە سەككىز كۈن ئەتراپىدا بىر دانە (ناھايىتى ئاز ساندىكىلىرىدە ئىككى دانە) تۆۋەن دەرىجىلىك تۇخۇم ئانا ھۈجەيرىسى جىنسىي ھورمۇننىڭ غىدىقلىشى بىلەن ئويغىنىپ، پىشىپ يېتىلىپ، تۇخۇمغا ئايلىنىدۇ ھەم سىرتقا چىقىرىلىدۇ. مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا ، ئەڭ ئاخىرقى بىر تۆۋەن دەرىجىلىك تۇخۇم ئانا ھۈجەيرىسى يېتىلىپ تۇخۇمغا ئايلانغۇچىە تۇخۇمداندا ئادەتتە قىرىق نەچچە يىل تۇرۇپ قالىدۇ. ئۇنداق بولسا مۇشۇنداق ئۇزۇن مەزگىل ساقلاش جەريانىدا ئۇلاردا قانداق ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىدۇ؟

ئالدى بىلەن خىروموسومدا چېكىنىش يۈز بېرىدۇ، ئادەم تېنىدىكى كۆپ ساندىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ بىر خىل چوڭ قۇرۇلمىسى مەۋجۇت بولۇپ خروموسوما دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭدا DNA بولۇپ، ئىچىدە ئادەمنىڭ گېن ئۇچۇرلىرى بولىدۇ، ئىنسانلاردا يىگىرمە ئۈچ جۈپ ئوخشاش بولمىغان خروموسوما بولىدۇ. يەنى، ھەربىر ھۈجەيرە قىرىق ئالتە تال خروموسوما بولىدۇ.

تۇخۇم ھۈجەيرىسى سان كېمەيتىپ بۆلۈنۈش ئارقىلىق خروموسوما سانىنىڭ يېرىمىنى كېمەيتكەندىن كېيىن، پىشىپ يېتىلىپ تۇخۇمغا ئايلىنىدۇ، تۇخۇم ھۈجەيرىسىدىن يىگىرمە ئۈچ تال خىروموسوم  بولىدۇ، ئۇرۇق ھۈجەيرىسىدىمۇ يىگىرمە ئۈچ تال خروموسوما بولىدۇ، تۇخۇم ئۇرۇقلانغاندىن كېيىن ھەر بىر ھۈجەيرىسى يىگىرمە ئۈچ جۈپ خىروموسومغا ئىگە بولىدۇ.

تۇخۇم ئانا ھۈجەيرىسى بۆلۈنۈش جەريانىدا بەزى خاتالىقلار يۈز بېرىشى سەۋەبىدىن بىر جۈپ خروموسوم بۆلۈنمەي قېلىشى مۇمكىن، ئۇ چاغدا تۇخۇمدا يىگىرمە تۆت تال خروموسوما بولىدۇ. ئەگەر بۇ تۇخۇم ئۇرۇقلانسا ، ھاسىل بولغان ھامىلىدا يەنە بىر دانە خىروموسوما ئارتۇق بولۇپ قالىدۇ، ئاياللار يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ھۈجەيرىلەر بۆلۈنۈش جەريانىدا بۇ خىل خاتالىقلارنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىمۇ ئېشىپ بارىدۇ. خروموسوما ئىقتىدارىنىڭ قالايمىقانلىشىش ۋە خروموسوملارنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش ئېھتىماللىقى ئېشىپ بارىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، قىرىق ياشتىن ئاشقان ئاياللاردا ئۇرۇقلانمىغان تۇخۇم ھۈجەيرىلىرىدىكى خىروموسوملارنىڭ چېكىنىشى %95كە يېتىدىكەن، ئەمما ئوتتۇز تۆت ياشتىن تۆۋەنلەردە ئارانلا%23 بولىدىكەن. قېرىراق تۇخۇم ئانا ھۈجەيرىلىرىدە يۈز بېرىدىغان بۆلۈنۈش خاتالىقى ياكى گېن خاتالىقلىرىنىڭ ھەممىسىلا ئۇرۇقلانغان تۇخۇملىرىنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىپ، ئاياللارنىڭ ھامىلدار بولۇش ئېھتىماللىقىنى تۆۋەنلىتىدۇ ياكى بويىدىن ئاجراپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تۇخۇم ئانا ھۈجەيرىسى ھەم ئۇنىڭ ئەتراپىغا توپلانغان پېروكسىدلار ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ كۆپىيىدۇ. بۇ پىروكسىدلار تۇخۇم ۋە ئۇنىڭدىن شەكىللەنگەن ھامىلىنىڭ ئاكتىپلىقىنى تۆۋەنلىتىپ، ئاياللارنىڭ ھامىلدار بولۇش ئېھتىماللىقىنى تۆۋەنلىتىدۇ ياكى بويىدىن ئاجراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يەنە تۇخۇمنىڭ ئەتراپىنى قورشاپ تۇرىدىغان سۈزۈك بەلۋاغمۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ قېلىپ كېتىدىغان بولغاچقا، ئۇرۇقنىڭ بۆسۈپ كىرىپ ئۇرۇقلاندۇرۇشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، ئۇرۇقلىنىش ئېھتىماللىقى تۆۋەنلەيدۇ. چوڭ ياشلىق ئاياللار، بولۇپمۇ قىرىق ياشتىن ئاشقان ئاياللارنىڭ تۇخۇمىدا يەنە قورۇلۇپ كېتىش ئەھۋاللىرى يۈز بېرىدۇ، بۇمۇ تۇغۇش ئىقتىدارىنى تېز تۆۋەنلىتىدۇ، شۇڭا ئاياللار قانچە ياش بولسا كۆپىيىشكە ياردەم بېرىش تېخنىكىسىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇش سۈپىتىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.

قېرى بالىياتقۇ ھامىلىنى ياخشى باقالمايدۇ

بالىياتقۇنىڭ ياش ياكى قېرى بولۇش ئاياللارنىڭ تۇغۇش ئىقتىدارىغا ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ، چۈنكى ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ شەكلى ۋە ئىقتىدارىدا بىر قاتار ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىدۇ. بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىش ئارقىلىق بالىياتقۇ ئىچىنى نەمدەپ ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ ئورۇنلىشىشىغا ياخشى تەييارلىق قىلىدۇ ، ھامىلە بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىگە ماكانلاشقاندا داۋاملىق ئۆسۈپ يېتىلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. تۇخۇمدان ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان ھورمۇنلارنىڭ تەسىرىدە، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىدە دەۋرىيلىك ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىدۇ، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىدىكى بۇ خىل دەۋرىيلىك ئۆزگىرىشلەر ئادەتتە قىرىق بەش ياشتىن ئەللىك بەش ياش ئەتراپىغىچە داۋاملىشىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن توختاپ ھەيز كېسىلىش مەزگىلىگە كىرىدۇ، ھەيز كېسىلگەندىن كېيىن بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى تۇخۇمدان ھورمۇنىنىڭ غىدىقلاش تەسىرىگە ئېرىشەلمەيدىغان بولغاچقا ، قورۇلۇش ھالىتى كۆرۈلۈپ، ئېپىتىلىيە ھۈجەيرىسى يىگىلەپ كېتىدۇ، بەزلەرمۇ كىچىكلەپ، ئاجراتمىلار ئازىيىپ كېتىدۇ ياكى يوقىلىدۇ.

ئاياللار كىلىماكتېرىيە مەزگىلىگە يېقىنلاشقان چاغدا ، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى بارغانسېرى نېپىزلەپ، ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ ئورۇنلىشىشىغا بارغانسېرى مۇۋاپىق كەلمەي قالىدۇ، جىنسىي يول ئاجراتمىلىرىنىڭ ئېقىشچانلىقى تۆۋەنلەپ، ئۇرۇقنىڭ كىرىش تەسلىشىپ كېتىدۇ، شۇڭا ئاياللارنىڭ يېشى قانچە چوڭ بولسا، تەبىئىي ھامىلدار بولۇشنىڭ ئېھتىماللىقى شۇنچە تۆۋەن بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى ئورنىنىڭ غەيرىيلىشىشى، بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە يۇقۇملىنىش قاتارلىق بەزى كېسەللىكلەر پەيدا بولۇپ ، ھامىلدار بولالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا كېلىنكىدا، چوڭ ياشلىق ئاياللار ھەتتا ھەيز كېسىلگەن ئاياللارنىمۇ ئۇتۇقلۇق ھامىلدار قىلغىلى بولىدۇ ، لېكىن كېيىن داۋاملىق دورا بىلەن داۋالاشقا، شۇ ئارقىلىق بالىياتقۇنىڭ ئىچكى مۇھىتنى ياخشىلاپ تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

«قېرى ئاتا» سۈپەتلىك تۇغۇتقا توسالغۇ بولىدۇ

گەرچە ئەرلەر ئۆمۈر بويى ئاتا بولۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولسىمۇ، يېشى ئەللىكتىن ئاشقاندىن كېيىن سۈپەتلىك تۇغۇتقا كۆپ ئاۋارىچىلىك ھەتتا ئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ، ئالدى بىلەن ئۇرۇقنىڭ سۈپىتى ھەققىدە توختالغاندا، گەرچە ياشانغان ئەرلەرنىڭ ئۇرۇقى قېرىمىغان، زىچلىقى نىسبەتەن يۇقىرى بولسىمۇ، ھەرىكەت ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن، ھەرىكەت قىلمايدىغان ۋە غەيرى بولۇپ قالىدىغان ئۇرۇقلارنىڭ سانى ئاشقان بولىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا ئەرلەر ئوتتۇز بەش ياشتىن ئاشقان چاغدا، بەدەندىكى ئەرلىك ھورمۇنى ئاجىزلىشىشقا باشلايدۇ. ئۇرۇقدان ھورمۇننىڭ ئاجرىلىپ چىقىش مىقدارى ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %1تۆۋەنلەپ بارىدۇ، يەنە ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئۇرۇقدىمۇ تۇخۇمغا ئوخشاش بىر مۇنچە ئىرسىيەت مەسىلىلەر كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ، مۇتەخەسسىسلەر «قېرى ئاتا»لار پەيدا قىلىدىغان مەسىلىلەرنى مۇنداق بىرنەچچە نۇقتىغا يىغىنچاقلىدى:

ئاياللارنىڭ تۇغۇش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ: تەتقىقات ماتېرىياللىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەرلەر ئوتتۇز بەش ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن، ئاياللارنىڭ ھامىلدار بولۇش ئېھتىماللىقى ھەر يىلى %3تۆۋەنلەپ بارىدۇ.

بويىدىن ئاجراش خەۋپىنى ئاشۇرىدۇ: بىر تۈرلۈك ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشتىن بايقىلىشىچە، ئەللىك ياشلىق ئەرلەرنى يىگىرمە يىللىق ئەرلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ئاياللارنىڭ بويىدىن ئاجراش خەۋپى بىر ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن.

پەرزەنتلەرنىڭ كېسەلچان بولۇشى، ھەتتا ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى يۇقىرى بولىدۇ: ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئەرلەر قىرىق ياشتىن ئاشقاندا، پەرزەنتلەرنىڭ غەلىتە تۇغۇلۇپ قېلىش نىسبىتى ياش ئاتا ئانىلاردىن بىر ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن، ئاتنىڭ يېشى ھەر بەش ياش ئاشقاندا، بالىنىڭ Iتىپلىق دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى %9ئاشىدىكەن، ئەللىك ياشتىن ئاشقان ئاتىلار تاپقان بالىلارنىڭ ئېلىشىپ قېلىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئەللىك ياشتىن تۆۋەن ئاتىلاردىن ئۈچ ھەسسىگە توغرا كېلىدىكەن. ھازىرغىچە مەلۇم بولغان تەخمىنەن يىگىرمە خىل كېسەللىك ئاتىنىڭ قېرىپ كېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدىكەن، شۇڭا ئەرلەر ئاتا بولۇش ئارزۇسىنى ئوتتۇز بەش ياشتىن بۇرۇن ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولۇشى، ئەڭ كېچىككەندىمۇ چۇقۇم ئەللىك ياشتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك ئىكەن.

ئاپتورى ئېرپانجان ياسىن

ئۈرۈمچى ھەربىي رايون باش دوختۇرخانىسىدىن.

 

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • مۇنداق ئاياللار لەۋ سۇرۇخ سۈرۈشكە ماس كەلمەيدۇ
  • ئەر-خوتۇن ماي تارتىشىپ قالغاندا قانداق قىلىشى كېرەك؟
  • قان ئازلىق ئاياللاردا تۇغماسلىقنى پەيدا قىلامدۇ؟
  • بالىڭىزنى قانداق ماختايسىز؟
  • ئاياللار سالامەتلىك تەكشۈرۈش تۈرلىرىنى قانداق تاللىشى كېرەك؟
  • ئادەم بەدىنىدىن نېمە ئۈچۈن ھەر خىل خىل پۇراقلار ھاسىل بولىدۇ؟
  • بۇ تۆت خىل ئايال بىلەن توي قىلغان ئەرلەرنى بىر ئۆمۈر نەس باسىدۇ
  • قېنىڭىزدا كالىي مىقدارى تۆۋەنلەپ كەتسە مۇنداق قىلىڭ
  • دائىم قىزىل چاي ئىچىپ بېرىشنىڭ بەش تۈرلۈك پايدىسى
  • تاماكا چېكىش ئۆپكە راكىنىڭ بىردىنبىر سەۋەبىمۇ
  • ئەرلەر كەلگۈسى 50 يىلدا بالىلىق بولۇش ئىقتىدارىدىن قېلىشى مۇمكىن
  • بىر سائەت پىيادە مېڭىشنىڭ قانچىلىك پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟
  • مۇھەببەتنىڭ قىزغىن داۋاملىشىش ۋاقتى ئىككى يىل بولىدۇ
  • ئالتە خىل «مودا» ياشاش ئۇسۇلى ساغلاملىقىڭىزنى نابۇت قىلىۋېتىدۇ
  • ئاياللاردا بۆرەك ئاجىز بولسا تۆۋەندىكىدەك ئىپادىلەر بولىدۇ
  • ئەتىگىنى ئويغىنىپلا جىددىي ئورنىڭىزدىن تۇرماڭ
  • ئاياللار تۇرمۇشتا چوقۇم «ئۆزگىرىشى» كېرەك
  • بىر كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قېلىشنىڭ ئىلمىي ئاساسلىرى
  • ئەڭ يىڭى يوللانغىنى

  • يۈزدىكى بەش ئەزاغا قاراپ ئىچكى ئەزالارنىڭ ساغلاملىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدىكەن

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • بەختلىك ئەر-ئايال مۇنداق قىلىدۇ...

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • قىزلارنىڭ 19 ياش ۋاقتى بىلەن 29 ياش ۋاقتىدىكى پەرق

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • دائىم ئۇيقۇڭىز قاچامدۇ؟ ئۇنداقتا بۇ ئۇسۇللارنى قوللىنىپ بېقىڭ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ھەيز مەزگىلىدە ئوپېراتسىيە قىلدۇرسا بولامدۇ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللار قانچە يېشىدا توي قىلىشقا ئەڭ ئالدىرايدۇ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئەقىللىق ئاياللارنىڭ مۇنداق توققۇز ئالاھىدىلىكى بولىدىكەن

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • «تۇرمۇش ئىناۋەتلىك كارتىسى» غا سەمىمىي بولالىدىڭىزمۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • يېڭى ھامىلدار بولۇپ بويىدىن ئاجراپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلارغا تەۋسىيە

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئۆيلىنىپ بولغان ئادەمنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندا ئۆزىڭىزدىن بۇ سوئاللارنى سوراڭ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ياز ۋاقتىدا ئورۇقلاشقا ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان ھەرىكەتلەر

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللارنىڭ بەكرەك كۈتۈنۈشكە تېگىشلىك بولغان ئۈچ خىل مەزگىلى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئەڭ ياخشى يازلىق مېۋىلەر رەت تەرتىپى ئېلان قىلىندى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • تاماقتىن كېيىنلا بۇ 10 ئىشنى قىلىش ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغانغا باراۋەر

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • كۆزنى يۇمۇپ 10 مىنۇت ئارام ئالدۇرۇشنىڭ پايدىسى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • باشلان خەۋەرلىرى

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ئاۋات ساغلاملىق بىلىملىرى

    باشلان تەۋسىيە قىلغىنى

    باشلان تورى تەۋسىيە خەۋىرى
  • داچىدا تۇرۇپ ئايدا 10 مىڭ يۈەن مائاش ئالىدىغان بىۋاستە تارقاتقۇچىلار

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بىل گەيتىس: ئىلگىرى كەينىگە سۆرەش كېسىلىم بەك ئېغىر ئىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بەزمىخانىدا ئۇسسۇل ئوينىغان ئېسىلزادە 22 كاراتلىق ئالماس ئۈزۈكىنى يۈتتۈرۈپ قويدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • «يانفون خۇمارى»نىڭ توققۇز تۈرلۈك ئىپادىسى: سىزدە قانچىسى بار؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئۈرۈمچىدە باشقا جايدىكىلەرنىڭ كىملىكىنى چۈشلۈك دەم ئېلىشتىمۇ بېجىرگىلى بولىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • خاۋكىڭ مۇھەببەتتە تولىمۇ تەلىيى كەلگەن بىر ئىنسان

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ما يۈن: 2018-يىلى ئىنتېرنېت ئېلىمىزدە زور بىر تۈركۈم بايلارنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • خاۋكىڭنىڭ ئەڭ مەشھۇر ھېكمەتلىك سۆزلىرى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • تور سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىش ئاممىغا قانداق نەپ ئېلىپ كېلىدۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015