خانىم-قىزلار نېمە ئۈچۈن گىرىم قىلىشى كېرەك؟

تەۋە تۈر : تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق > ئاياللار >       مەنبە : تور دۇنياسى      يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2017-10-17 22:16:44

تېڭشۈن تورى خەۋىرى:

ئەنگلىيە ئالىملىرىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، گىرىم قىلىدىغان خانىم-قىزلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى گىرىم قىلمايدىغان خانىم-قىزلارنىڭكىدىن خېلىلا يۇقىرى بولۇپ، يەنە كېلىپ ئىنتايىن ئەقىللىق بولىدىكەن! شۇڭا، گىرىم قىلغان ئاياللارنىڭ مۇنەۋۋەر بولۇپ كېتىشى ناتايىن، بىراق مۇنەۋۋەر ئاياللارنىڭ ھەممىسى گىرىم قىلىدۇ.

ساغلاملىق ئۈچۈن بولسىمۇ «گىرىم» قىلىش كېرەك!

ئەگەر سىز گىرىم قىلىش نوقۇل ھالدا گۈزەللىك ئۈچۈن دەپ قارىسىڭىز، ئۇنداقتا سەل خاتالاشقان بولىسىز. بەلكىم سىز ھازىرقى مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ قانچىلىك ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئويلاپ يېتەلمىگەن بولۇشىڭىز مۇمكىن. بىزنىڭ يۈزىمىز ھەركۈنى چاڭ-توزانلىق ھاۋاغا يۈزلىنىدۇ، گەرچە ئەتىگەن-كەچتە يۈز يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بىلەن يۈزىڭىزنى يۇيۇپ، سىلىقلاش مەلھىمىنى سۈركىسىڭىزمۇ، بىراق يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس. يەنە كېلىپ، بىۋاستە چاڭ-توزانلىق ھاۋا بىلەن ئۇچراشقان يۈزگە ئوخشاش ۋاقىتتا تېرە ئاسىراش بۇيۇملىرىنى ئىشلەتسىمۇ، نەملىك ساقلاش دەرىجىسى يەنىلا ئوكسىدلىنىپ، ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. ھاۋادىكى چاڭ-توزانلار تېرىگە تېخىمۇ ئاسان چاپلىشىدىغان بولغاچقا، شۇڭا ئازىراق BB مەلھىمى ياكى ئۇپا سۈرۈپ، سۇسراق گىرىم قىلىۋالغاندا، چاڭ-توزاننى يېپىش ئۈنۈمىگە ئېرىشىپ، تېرىنى ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرىدىن توسۇشتا بەلگىلىك ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ، شۇڭا ئىشەنچىلىك ماركىدىكى مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىش تولىمۇ مۇھىم!

خىزمەت قانچە ئالدىراش بولغانسېرى شۇنچە «گىرىم» قىلىش كېرەك!

خىزمەت قانچە ئالدىراش بولغانسېرى، يۈز تېرىڭىز خۇنۇكلىشىپ، گىرىم بىلەن «بېزەش»كە ئېھتىياجلىق بولىسىز. غوجايىنىڭىز بىلەن خېرىدار خىزمەتتىكى ئۈنۈمىڭىزگە قارايدۇ. ھەرگىزمۇ سىزنىڭ «چۈشكۈن يۈزىڭىز»گە قاراپ ئولتۇرمايدۇ. كەلگۈسىدىكى ئۇزاق مۇددەتلىك كەسىپ ئوبرازىڭىز ئۈچۈن بولسىمۇ، سىز چوقۇم ۋاقىت جەدىۋىلىدە ھۆسنىڭىز ئۈچۈن بىر قانچە مىنۇت ۋاقىتىڭىزنى ئاجرىتىشىڭىز كېرەك. سىز يەنە گۈزەللىك ئورنى مەسلىھەتچىلىكى بىلەن ئالاقىلاشسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئۇلار سىزگە 5 مىنۇت ئىچىدىلا خىزمەت گىرىمىنى قانداق قىلىشنى ئۆگىتىپ قويىدۇ.

خىزمەت ئورنى قانچە يۇقىرى بولغانسېرى، شۇنچە «گىرىم» قىلىش كېرەك!

بۇرۇن، ئەرلەر «مەركەز» كەسىپ مەيدانى مەزگىللىرىدە، كەسىپ ئورنى بىر قەدەر يۇقىرى ئاياللار ھەمىشە ئاڭسىز ھالدا ئۆزىنىڭ جىنس ئالاھىدىلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ، بىر قەدەر ئاز گىرىم قىلاتتى. ئەنگلىيەدىكى داڭلىق ئوبراز شىركىتى CMBنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، شىركەتتىكى كەسىپ ئورنى قانچە يۇقىرى بولغان ئاياللارنىڭ ئوبراز ۋە جەزبىدارلىقى ئۇنىڭ ئۇتۇق قازىنىشىدا ئىنتايىن ھالىقلىق رول ئوينايدىكەن. بۈگۈنكى كۈندە، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىملار ئىنتايىن لاتاپەتلىك ۋە مۇلايىم ئاياللارنىڭ سېھىرىي كۈچىنى ئۆزىنىڭ پۈتكۈل كەسىپ مەيدانى ئوبرازىغا ئۇستىلىق بىلەن ماسلاشتۇرۇىدىغان بولدى. شۇنداق قىلىپ، گىرىم قىلىشمۇ تەبئىيلا ئۇلارنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشتى.

كەيپىيات قانچە ناچار بولغانسېرى شۇنچە «گىرىم» قىلىش كېرەك!

تۈگىمەس ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش، نىشانسىز كەلگۈسى، كۈن بويى چۈشكۈنلۈك ئىچىدە ياشاش، تېخى يېقىندىلا مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ كېتىش... بۇنداق تۇرسا، گىرىم قىلغاننىڭ نېمە ئەھمىيىتى؟ مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىىچە، گىرىم قىلىش خانىم-قىزلارنىڭ كەيپىياتىنى ياخشىلاشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك چارە بولۇپ، يېڭىچە قىياپەت سىزگە ئىشەنچىڭىزنى قايتۇرۇپ كېلىشكە، كۆڭلىڭىزنى ئازادە بولۇشىغا ئەڭ مۇھىمى، كىشىلىك ھاياتىڭىزنىڭ يېڭى نىشانىنى تۇرغۇزىشىڭىزغا بەلگىلىك ياردەمدە بولالايدىكەن.

يولدىشىڭىزنىڭ ئالدىدا تېخىمۇ «گىرىم» قىلىشىڭىز كېرەك!

يولدىشىڭىز بىلەن بىرلىكتە ئىگىلىك تىكلەپ، مىڭبىر جاپالاردا ئائىلە قۇردىڭىز، يەنە تېخى تۈگىمەس ئائىلە بېسىمى ئىچىدە چىرايڭىىزمۇ خۇنۇكلىشىپ، كۈنبويى ھارغىن يۈرىدىغان بولدىڭىز. ئۇنداقتا، مۇشۇنداق چۈشكۈن تۇرقىڭىزنى يولدىشىڭىزنىڭ ئالدىدا كۆرسەتسىڭىز بولامدۇ؟  كۈنلەرنىڭ بىرىدە «مۇز چىراي خوتۇن»غا ئايلىنىپ قالغان تەقدىردىمۇ، ئۇنى چوقۇم ماڭىلا سادىق بولىدۇ، دەپ جەزىملەشتۈرەلەمسىز؟ جاۋابى شۇكى، !No مۇھەببەتنىڭمۇ يېڭى ساقلاش مۇدددىتى بولىدۇ. يەنە كېلىپ، نىكاھ مۇھەببەتنىڭ بىخەتەرلىك ساندۇقى ئەمەس. گەرچە گىرىمنىڭ كۈچى مۇھەببەتنى يېڭى پېتى ساقلاشقا قادىر بولالمىسىمۇ، بىراق گۈزەللىككە مەڭگۈ ئىنتىلىدىغان ئايال ھەمىشە چىرايى بىلەن ھېسابلاشمايدىغان ئايالدىن تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇپ، ئاتالمىش «گۈزەللىك قاراشتىكى ھارغىنلىق»نى يېڭەلەيدۇ.

قانچە ناتونۇش بولغانسېرى، شۇنچە «گىرىم» قىلىش كېرەك!

ناتونۇش ئادەملەرگە ئۇنچىلىك ئېتىبار بېرىپ كەتمىسەكمۇ بولار، تونۇشمىغاندىكىن ئانچە گىرىم قىلىپ كېتىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ ئەگەر سىز بۇنداق ئويلىغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا ناھايىتى خاتالاشقان بولىسىز! كىم بىلىدۇ، ئاشۇ ناتونۇش كىشى كېيىنكى دوقمۇشتا، ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ قىممەتلىك ئادەمگە ئايلىنىپ قالامدۇ؟ ئەگەر سىز بىر ناتونۇش ئادەمنىڭ نەزىرىنى چىرايىڭىزدا 5 سېكۇنت تۇرغۇزالمىسىڭىز، ئۇنداقتا، باشقىلاردا ئىچكى دۇنيارىڭىزنى چۈشىنىش قىزغىنلىقىنى پەيدا قېلىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغان بولىسىز. يەنە كېلىپ ئېدىتلىق، لايىقىدا ۋە ماسلاشتۇرۇپ قىلىنغان گىرىم دىققەتنىڭ نۇر ئەينىكىنى يىغىپ، ئەڭ چوڭ «تۇنجى تەسىر نومۇرى»غا ئېرىشىشىڭىزگە ياردەمدە بولالايدۇ.

ئەلۋەتتە، يۇقىرىدىكى سۈرەتلەرنى كۆرسىڭىزلا، خانىم-قىزلارنىڭ نېمە ئۈچۈن گىرىم قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلەلەيسىز!

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • مۇنداق ئاياللار لەۋ سۇرۇخ سۈرۈشكە ماس كەلمەيدۇ
  • ئەر-خوتۇن ماي تارتىشىپ قالغاندا قانداق قىلىشى كېرەك؟
  • قان ئازلىق ئاياللاردا تۇغماسلىقنى پەيدا قىلامدۇ؟
  • بالىڭىزنى قانداق ماختايسىز؟
  • ئاياللار سالامەتلىك تەكشۈرۈش تۈرلىرىنى قانداق تاللىشى كېرەك؟
  • ئادەم بەدىنىدىن نېمە ئۈچۈن ھەر خىل خىل پۇراقلار ھاسىل بولىدۇ؟
  • بۇ تۆت خىل ئايال بىلەن توي قىلغان ئەرلەرنى بىر ئۆمۈر نەس باسىدۇ
  • قېنىڭىزدا كالىي مىقدارى تۆۋەنلەپ كەتسە مۇنداق قىلىڭ
  • دائىم قىزىل چاي ئىچىپ بېرىشنىڭ بەش تۈرلۈك پايدىسى
  • تاماكا چېكىش ئۆپكە راكىنىڭ بىردىنبىر سەۋەبىمۇ
  • ئەرلەر كەلگۈسى 50 يىلدا بالىلىق بولۇش ئىقتىدارىدىن قېلىشى مۇمكىن
  • بىر سائەت پىيادە مېڭىشنىڭ قانچىلىك پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟
  • مۇھەببەتنىڭ قىزغىن داۋاملىشىش ۋاقتى ئىككى يىل بولىدۇ
  • ئالتە خىل «مودا» ياشاش ئۇسۇلى ساغلاملىقىڭىزنى نابۇت قىلىۋېتىدۇ
  • ئاياللاردا بۆرەك ئاجىز بولسا تۆۋەندىكىدەك ئىپادىلەر بولىدۇ
  • ئەتىگىنى ئويغىنىپلا جىددىي ئورنىڭىزدىن تۇرماڭ
  • ئاياللار تۇرمۇشتا چوقۇم «ئۆزگىرىشى» كېرەك
  • بىر كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قېلىشنىڭ ئىلمىي ئاساسلىرى
  • ئەڭ يىڭى يوللانغىنى

  • يۈزدىكى بەش ئەزاغا قاراپ ئىچكى ئەزالارنىڭ ساغلاملىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدىكەن

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • بەختلىك ئەر-ئايال مۇنداق قىلىدۇ...

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • قىزلارنىڭ 19 ياش ۋاقتى بىلەن 29 ياش ۋاقتىدىكى پەرق

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • دائىم ئۇيقۇڭىز قاچامدۇ؟ ئۇنداقتا بۇ ئۇسۇللارنى قوللىنىپ بېقىڭ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ھەيز مەزگىلىدە ئوپېراتسىيە قىلدۇرسا بولامدۇ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللار قانچە يېشىدا توي قىلىشقا ئەڭ ئالدىرايدۇ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئەقىللىق ئاياللارنىڭ مۇنداق توققۇز ئالاھىدىلىكى بولىدىكەن

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • «تۇرمۇش ئىناۋەتلىك كارتىسى» غا سەمىمىي بولالىدىڭىزمۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • يېڭى ھامىلدار بولۇپ بويىدىن ئاجراپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلارغا تەۋسىيە

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئۆيلىنىپ بولغان ئادەمنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندا ئۆزىڭىزدىن بۇ سوئاللارنى سوراڭ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ياز ۋاقتىدا ئورۇقلاشقا ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان ھەرىكەتلەر

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللارنىڭ بەكرەك كۈتۈنۈشكە تېگىشلىك بولغان ئۈچ خىل مەزگىلى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئەڭ ياخشى يازلىق مېۋىلەر رەت تەرتىپى ئېلان قىلىندى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • تاماقتىن كېيىنلا بۇ 10 ئىشنى قىلىش ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغانغا باراۋەر

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • كۆزنى يۇمۇپ 10 مىنۇت ئارام ئالدۇرۇشنىڭ پايدىسى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • باشلان خەۋەرلىرى

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ئاۋات ساغلاملىق بىلىملىرى

    باشلان تەۋسىيە قىلغىنى

    باشلان تورى تەۋسىيە خەۋىرى
  • داچىدا تۇرۇپ ئايدا 10 مىڭ يۈەن مائاش ئالىدىغان بىۋاستە تارقاتقۇچىلار

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بىل گەيتىس: ئىلگىرى كەينىگە سۆرەش كېسىلىم بەك ئېغىر ئىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بەزمىخانىدا ئۇسسۇل ئوينىغان ئېسىلزادە 22 كاراتلىق ئالماس ئۈزۈكىنى يۈتتۈرۈپ قويدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • «يانفون خۇمارى»نىڭ توققۇز تۈرلۈك ئىپادىسى: سىزدە قانچىسى بار؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئۈرۈمچىدە باشقا جايدىكىلەرنىڭ كىملىكىنى چۈشلۈك دەم ئېلىشتىمۇ بېجىرگىلى بولىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • خاۋكىڭ مۇھەببەتتە تولىمۇ تەلىيى كەلگەن بىر ئىنسان

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ما يۈن: 2018-يىلى ئىنتېرنېت ئېلىمىزدە زور بىر تۈركۈم بايلارنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • خاۋكىڭنىڭ ئەڭ مەشھۇر ھېكمەتلىك سۆزلىرى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • تور سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىش ئاممىغا قانداق نەپ ئېلىپ كېلىدۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015