بۇ يىل 53 ياشقا كىرىدىغان ساھىبجاماللار

تەۋە تۈر : خەۋەر > تاماششا >       مەنبە : نۇر ټورى      يوللىغۇچى : admin       يوللانغان ۋاقىت : 2018-07-18 13:14:54

تەۋسىيە قىلغىنى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر تورى، 

لى سەيفېڭ، 1965-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى شياڭگاڭدا تۇغۇلغان، شياڭگاڭ ۋەنچېڭ ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن كىنو ئارتىسى بولغان، ئۇ گۇمپا بىلىدۇ. ئۇ شياڭگاڭنىڭ گۇمپا فىلىملىرى، ساقچى-قاچقۇن فىلىملىرىدە رول ئالغان. ئۇ چىرايلىقلا بولۇپلا قالماي، گۇمپىسىمۇ ياخشى. 1980-يىللاردىن 90-يىللارغىچە ئۇ «ھەرىكەتلىك فىلىم پەرىشتىسى» دەپ ناملانغان.

شاۋ مېيچى، 1965-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى شياڭگاڭدا تۇغۇلغان، ئارتىس. ليۇ دېخۇا، ليۇ جيالىڭلار بىلەن «خان ئالىيلىرى ئۆزلىرىنى ئاسرىسىلا»(皇上保重) تېلېۋىزىيە تىياتىرىغا قاتنىشىش بىلەن تاماشا ساھەسىگە كىرگەن. 1990-يىلى «مەن ئاقكۆڭۈل»(我本善良) فىلىمىدىكى رولى بىلەن تېخىمۇ تونۇلغان. ئۇنىڭ بەدىنى قاملاشقان، چىرايى خاسلىققا ئىگە بولۇپ، غەرب ۋە شەرقنىڭ گۈزەللىكى مۇجەسسەملەنگەن، مەيلى قايسى نۇقتىدىن قارىساق چىرايلىق كۆرۈنىدۇ.

گاۋ لىخوڭ، 1965-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى شياڭگاڭدا تۇغۇلغان، جۇڭگو-ئاۋستىرالىيە ئارىلاشما قان سىستېمىسىغا ئىگە، شياڭگاڭلىق ئايال ئارتىس. 1984-يىلى شياڭگاڭ خانقىزى ۋە ئەڭ ياخشى ئېكران خانقىزى بولغان. 1988-يىلى «شەرق ئاقباش بۈركۈتى»(东方秃鹰) فىلىمىدە رول ئېلىپ، 7-نۆۋەتلىك شياڭگاڭ ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى يانداش ئايال رولچى تۈرىدە ئىسمى ئاتالغان. 1991-يىلى خوڭ جىنباۋ بىلەن توي قىلغان. گاۋ لىخوڭ شەرق ۋە غەربنىڭ گۈزەللىكىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن، بەك سالاپەتلىك بولۇپ، قانداق كىيىم كىيسە يارىشىدۇ.

ۋۇ جۈنرۇ، 1965-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى شياڭگاڭدا تۇغۇلغان، ئاتا بوۋىسى گۇاڭدوڭلۇق، شياڭگاڭلىق ئايال ئارتىس، رېژىسسور، ناخشىچى، رىياسەتچى. 16 يېشىدا سىمسىز تېلېۋىزىيىسىدە ئارتىس تەربىيلەش سىنىپىدا تەربىيلەنگەن. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن تېلېۋىزىيە تىياتىرىغا قاتناشقان. 2006-يىلى 4-ئايدا ئۇ چېن كېشىڭ بىلەن توققۇز يىل مۇھەببەتلەشكەندىن كېيىن قىزى تۇغۇلغان. ۋۇ جۈنرۇ ئەينى يىلى ليۇ جيالىڭ، لەن جيېيىڭ، زېڭ خۇاچيەن قاتارلىقلار بىلەن بىر قاتاردا تۇرىدىغان بولۇپ، چىرايى ئادەتتىكىچە بولغانلىقى سەۋەبلىك بەك جىق روللارغا تاللىنالمىغان. بىر قانچە يىلدىن كېيىن ۋاڭ جىڭ ئۇنى بايقاپ قېلىپ، جوۋ شىڭچى بىلەن ھەمكارىلاشتۇرغان، شۇنىڭدىن تارتىپ ئۇنىڭ ئارتىسلىق ھاياتىدا چوڭ بۇرۇلۇش بولغان.

چېن خۇيشيەن، 1965-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى شياڭگاڭدا تۇغۇلغان ئايال ناخشىچى. 1985-يىلىدىن تارتىپ شياڭگاڭ ناخشا ساھەسىدە دىققەتكە سازاۋەر بولۇپ كەلگەن. 1989-يىلى ناخشىلىرى خەنزۇچە ئەڭ ياخشى ئون كۈينىڭ ئىچىگە كىرگەن. ئۇنىڭ ئاۋازى سۈزۈك، ھېسسىياتلىق. ئۇنىڭ ئاۋازى ئادەمنى راھەتلەندۈرىدۇ، ئادەم قەلبىگە تەسەللىي بولىدۇ، شۇڭا ئۇ «قەلب يارىسىنى داۋالايدىغان ناخشىچى» دەپ ئاتالغان.

زېڭ خۇاچيەن، 1965-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى شياڭگاڭدا تۇغۇلغان، شياڭگاڭلىق ئايال ئارتىس، رىياسەتچى. 1983-يىلى سىمسىز تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تەربىيىلىشىنى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن سىمسىز تېلېۋىزىيىسىگە قوشۇلغان. باشتا بالىلار پىروگىراممىسىغا رىياسەتچىلىك قىلغان. كېيىن قەدىمكى زامان تىياتىرلىرىغا قاتنىشىپ، سىمسىز تېلېۋىزىيىسىنىڭ داڭدارلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

يۈ كېشىن، 1965-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى تەيۋەندە تۇغۇلغان. كەسپىي ئارتىس، سۇ ئۈزۈشنى، تەنھەرىكەتنى ياقتۇرىدۇ. ئۇنىڭ كىنو ۋە تىياتىر ساھەسىدىكى ئۇتۇقلىرى بەك كۆرۈنەرلىك ئەمەس، ئەسەرلىرى ئاز. لېكىن ئۇ ليۇ دېخۇا بىردىنبىر ئېتىراپ قىلغان قىز دوستى.

لەن شىنمېي، 1965-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى تۇغۇلغان، تەيۋەنلىك سەنئەتكار، 1984-يىلى تاماشا ساھەسىگە كىرگەن. ناخشا، رىياسەتچىلىك كىنو-تىياتىر ھەممىسىنى قىلالايدۇ. ئۇ ھازىر «ئايالمەن، مەن ھەممىدىن چوڭ»(女人我最大) پىروگىراممىسىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، مودا ئېقىمىغا يېتەكچىلىك قىلىۋاتىدۇ.

ليۇ جيالىڭ، 1965-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى سۇجۇدا تۇغۇلغان، 1980-يىلى ئاتا-ئانىسى بىلەن شياڭگاڭغا كۆچۈپ كەلگەن، شياڭگاڭلىق ئايال ئارتىس، ناخشىچى. 1984-يىلى شياڭگاڭ سىمسىز تېلېۋىزىيىسىنىڭ 12-قارار سىنىپىدا تەربىيلەنگەن. 2008-يىلى 7-ئايدا ليۇ جيالىڭ بىلەن لياڭ چاۋۋېي بۇتاندا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. ليۇ جيالىڭ شياڭگاڭ تىياتىر-فىلىملىرىدە ياراتقان ئوبرازى بەك كۆپ، ئۇ ھازىرمۇ يەنىلا چىرايىدىن كەتمىدى.

گوڭ لى، 1965-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى لياۋنىڭ شېنياڭدا تۇغۇلغان، ئاتا-بوۋىسى شەندوڭلۇق، سىنگاپور تەۋەلىكىدىكى جۇڭگولۇق ئايال ئارتىس. مەركىزىي تىياتىر ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرگۈچى سەنئەتكارى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلات مۇھىت ئاسراش ئەلچىسى. 1987-يىلى «قىزىل قوناقلىقتا» فىلىمى بىلەن داڭق چىقارغان. ئۇ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ناھايىتى دىققەتكە سازاۋەر ئارتىس. ئۇ جۇڭگو فىلىملىرىنى خەلقئارالاشتۇرۇش ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تارقىتىشقا چوڭ تۆھپە كۆرسەتكەن ئارتىس. ئۇنىڭ چىرايى ئۆزگىچىلىككە ئىگە گۈزەل ئارتىس، ياراتقان ئوبرازلىرىمۇ بىر-بىرىدىن قالتىس.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad

تەۋسىيە قىلغىنى

تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

تەۋسىيە ۋېدىئولار

ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • رېژىسسوردىن تىل ئاڭلىغان ئايال چولپانلار

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بۇ يىل 53 ياشقا كىرىدىغان ساھىبجاماللار

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • تاماشا ساھەسىدىكى ئۈچ قىزى بار چولپانلار

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئاشۋارىيا راينىڭ يېڭى فىلىمى «فەننىي خان» تەشۋىق فىلىمىنى ئېلان قىلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • كاترىنا كەيف سالمان خان ۋە پرىيانكانىڭ فىلىمىدە رول ئالىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئامېرىكىلىق ئەر قىز دوستىنى ئۇدا 10 يىل ئىجارىگە بېرىپ كىرىم قىلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ پۇل تاپالايدىغان ئايال چولپانلار

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • تاماشا ساھەسىدىكى پاراڭلىشىشنى بىلىپ كەتمەيدىغان بەش ئايال چولپان

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • گۈلنەزەرنىڭ يېڭى زېللاندىيەدىكى ئەڭ يېڭى سۈرەتلىرى «ئوچاق»تىن چىقتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015